كىتاب ئىسمى پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيەلەيمىز
ئاپتورى مۇھەممەد يۈسۈپ
نەشر قىلغان ئورۇن مىسىر -قاھىرە
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2013 -يىلى
ھەجمى 2.43 BM
بەت سانى 403
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

بسم الله الرحمن الرحيم

ئەڭ گۈزەل ماختاشلار ۋە ئەڭ ئېسىل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالانى چىن  قەلبىمدىن مەدھىيەلەيمەن، ئۇنىڭغا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ۋە  شۈكۈر قىلىمەن. ھەق دىننى بىزلەرگە يەتكۈزگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت، دۇئا ۋە سالام يوللايمەن. ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە تا قىيامەتكىچە ئۇنىڭ يولىدا ماڭغان مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا بەخت-سائادەت تىلەيمەن.

پەرزەنت ئاللاھ تائالانىڭ چوڭ ئامانىتى ۋە كاتتا نېمىتىدۇر. ھەر قانداق ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىنى ئىمانلىق ۋە ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيەلەپ  چىقىشقا مەسئۇل. ئەكسىچە  بولغاندا ئۇلار  پەرزەنتلەرنىڭ  ئاقىۋىتىگە جاۋابكاردۇر. شۈبھىسىزكى، ھاياتتا ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن قىلىدىغان ئەڭ چوڭ سوۋغىسى ۋە ھاياتىدىن كېيىنمۇ قالدۇرىدىغان ئەڭ قىممەتلىك مىراسى پەرزەنتلىرىنى قەلب رىشتىسى ئاللاھ تائالاغا تۇتاشقان، دىيانەتلىك قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر.

بەزى كىشىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ كېيىنچە يوقسۇللۇق تارتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارغا كۆپ مال- دۇنيا، ئۆي-ئىمارەت ۋە ياكى يەر-زېمىن قالدۇرۇپ كېتىشكە ئالدىرايدۇ. ئەمما ئۇلار ھەقىقىي يوقسۇللۇق ئىمان ۋە ئەخلاقتىن نېسىۋىسىز قېلىش ئىكەنلىكىنى  ئويلىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىمان ۋە ئەخلاقنىڭ يوقسۇللۇقى دۇنيادىكى جىمى يوقسۇللۇقلارنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر.

يەنە بەزى كىشىلەر پەرزەنتلىرىگە ئەڭ ئاۋۋال سادىق ئىمان، گۈزەل ئەخلاق، ياخشى ئەمەلدىن ئىبارەت مەنىۋى بايلىق قالدۇرۇشنى ئەۋزەل بىلىدۇ. شۇ ئېنىقكى، بەخت-سائادەت دېگەن پۇل-مالنىڭ كۆپلۈكى بىلەن، ياكى چوڭ مەنسەپلەرگە ئېرىشىش بىلەن، ياكى خەلق ئىچىدە ئابرۇي قازىنىش بىلەن بولمايدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق مەنپەئەتلەر بولۇپ، بۈگۈن بار، ئەتە يوقتۇر. ئەمما ئىمان ۋە ئەخلاق بايلىقى پەرزەنتلەرنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختكە ئېرىشتۈرۈشكە كاپالەت قىلالايدىغان ھەقىقىي بايلىق بولۇپ، ماددىي جەھەتتىكى يوقسۇللۇقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ كېتەلەيدۇ.

 پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدە خەلقىمىزگە ياخشىراق بىر نەرسە سۇنۇش ئۈمىدى بىلەن كۆپ ئىزدەندىم. ئىسلامدىكى پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدە يېزىلغان ئەرەبچە كىتابلاردىن  ئاڭلىغان-كۆرگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ۋاراقلاپ چىقتىم. كۆپۈنچىلىرىنى  قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقتىم. ئەمما بۇ كىتابلار تولىراق  ئاپتورلار ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ۋە شۇ جەمئىيەتتىكى ئەخلاقىي مۈشكۈلاتلارنى ھەل قىلىشقىلا قارىتىلغان، مېنىڭ خىيالىمدىكى پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى  سەۋەبىدىن  يۇقىرىقى كىتابلاردىن بىرەرسىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشنى خالىمىدىم، چۈنكى بۇ كىتابلارنى يېتەرسىز كۆردۈم. چەتئەللەردە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بەزى ئىسلامىي ئەسەرلەرنى، ھەتتا ئانا ۋەتەندە نەشر قىلىنغان ئەخلاق ۋە تەربىيەگە دائىر ئەسەرلەرنىمۇ ئوقۇپ چىقتىم. ئەمما ھېچبىرىدىن قانائەت ھاسىل قىلالمىدىم. چۈنكى بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك تەربىيە توغرىلىق ئاساسلىق نەزەرىيەلەر ۋە نەسىھەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، تەربىيەنىڭ باسقۇچلىرى، ئۇسۇل ۋە چارىلىرىدىن سۆز ئېچىلمىغاننىڭ ئۈستىگە، خەلقىمىزنىڭ ئېتىقادىغا، تۇرمۇش سەۋىيەسىگە ۋە ھازىرقى شارائىتىغا ئۇيغۇن شەكىلدە تەكلىپ ۋە پىكىرلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.

شۇنىڭ  بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئىسلام تەربىيەسى ھەققىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇزۇن يىللىق ھاسىلاتلىرىمنى ۋە يېڭىدا ئوقۇپ ئۆگەنگەنلىرىمنى توپلاپ، «تەربىيە» ماۋزۇسىدىكى بارچە بوشلۇقلارنى تولدۇرالايدىغان، چۈشىنىشلىك ۋە ئاممىباب بىرەر ئەسەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا جىددىي كىرىشتىم. ئاللاھ تائالانىڭ ئىنايىتى بىلەن بۇ مۇرادىممۇ ئەمەلگە ئاشتى.

بۇ كىتابنى يېزىپ چىقىشتا ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئەسەرلەر ۋە ماتېرىياللاردىن پايدىلاندىم. كىتابىمغا ئىسلام دۇنياسىدىكى تەربىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ھەممە ئېتىراپ قىلغان پىكىر-قاراشلىرىنى ۋە مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى ئوتتۇرىسىدا بىرلىككە كېلىنگەن تەربىيە ئۇسۇللىرىنى تاللاپ ئالدىم.

جانابى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئاددىي ئەمگىكىمنى قوبۇل قىلىشىنى ۋە بۇ ئەمەلنى مۇسۇلمان خەلقىم ئۈچۈن مەنپەئەتلىك ئىلىملەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇشىنى سورايمەن.

بۇ ئەسەر 2013-يىلى بەيرۇتتا بېسىلغان نۇسخىسىغا ئاساسەن نەشرگە تەييارلاندى.

 

 مۇھەممەد يۈسۈپ _

ھىجرىيە 1435- يىلى مۇھەررەم ئېيىنىڭ 12- كۈنى.

مىلادىيە 2013- يىلى 15- نويابىر، جۈمە.