كىتاب ئىسمى تەپەككۇر ئىلھاملىرى 2- قىسىم
ئاپتورى مۇھەممەد يۈسۈپ
نەشر قىلغان ئورۇن ئىستانبۇل
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2024/04/08
ھەجمى 16/23
بەت سانى 662
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ

ئەڭ گۈزەل ماختاش ۋە ئەڭ ئېسىل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە يېگانە رەببى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالانى چىن قەلبىمدىن مەدھىيەلەيمەن ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىمەن. ھەق دىننى بىزلەرگە يەتكۈزگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد، دۇئا ۋە سالام يوللايمەن. ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە تا قىيامەتكىچە ئۇنىڭ يولىدا ماڭغان مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا بەخت - سائادەت تىلەيمەن.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن! قولىڭىزدىكى بۇ ئەسەر يىللاردىن بېرى ژۇرناللاردا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان دىنىي ۋە ئىجتىمائىي تېمىلاردىكى ماقالىلىرىمنىڭ توپلىمى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى نەشر قىلىنغان «قەلەم ئىلھاملىرى» ناملىق ئىككى قىسىملىق ماقالىلەر توپلىمىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ، خەلقىم بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۆزۈم ئۈچۈن شەرەپ بىلگەنلىكىم ئۈچۈن، بۇلارنى رەتلەپ نەشر قىلدۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

بۇ توپلامدىكى ماقالىلەردە خەلقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىسلارنى يېڭىش چارىلىرى، بەزى مۇھىم دىنىي مەسىلىلەرنىڭ بايانى، ھاياتىمىزدا ئىسلام كۆرسەتمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ، شۇنداقلا تۇرمۇشىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنىڭ ۋە ئائىلىمىزنى جەننەت باغچىلىرىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرى ئورۇن ئالغان. يەنە بۇنىڭدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى قەلبى ئاللاھ تائالاغا باغلانغان، ۋەتىنىنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان، ئانا تىلىنى، مىللىي ۋە دىنىي ئەنئەنىلىرىنى قوغدايدىغان، ئۆز- ئۆزىگە خوجا بولۇپ ياشايدىغان، ئىنسانلارغا مەنپەئەتلىك بولغان ياراملىق ئەۋلادلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشنىڭ يوللىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

بۇ ئەسەرنى تۈرلۈك سەۋەنلىك ۋە خاتالىقلاردىن خالىي دېگىلى بولمايدۇ. ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ سەمىمىي تەكلىپ ۋە تۈزىتىشلىرىنى بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

ئۇلۇغ رەببىمدىن بۇ ئاددىي ئەمگىكىمنى سالىھ ئەمەللەر قاتارىدا قوبۇل قىلىشىنى تىلەيمەن.