كىتاب ئىسمى ئەڭگۈشتەر (مۇئمىننىڭ ھەمراھى)
ئاپتورى مۇھەممەت يۈسۈپ
نەشر قىلغان ئورۇن ئىستانبول
نەشر قىلىنغان ۋاقتى مىلادى2019-يىلى، 23- ئىيۇل.
ھەجمى 92.0 KB
بەت سانى 65
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

بسم الله الرحمن الرحيم

 

ئەڭ گۈزەل ماختاش ۋە ئەڭ ئېسىل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە يېگانە رەببى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالانى چىن قەلبىمدىن مەدھىيەلەيمەن ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىمەن. ھەق دىننى بىزلەرگە يەتكۈزگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد، دۇئا ۋە سالام يوللايمەن. ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە تا قىيامەتكىچە ئۇنىڭ يولىدا ماڭغان مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا بەخت -سائادەت تىلەيمەن.

ئۈلگىلىك مۇئمىن ئادەم دېگەن قانداق بولىدۇ؟ ئۇ نېمىلەرنى قىلىدۇ، نېمىلەرنى قىلمايدۇ؟ دېگەن ماۋزۇدا ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان پايدىلىنالايدىغان، ئاممىباپ بىر ئوقۇشلۇق تەييارلاشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن بولساممۇ، ئىنسانلارنىڭ تولىسى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش، ۋاقىتى قىس، بوش ۋاقىتلىرىنى كىتاب ئوقۇش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە بېرىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈشكە ئۆتكەن مۇشۇ زاماندا، چوڭ كىتاب يېزىش ۋە كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم پات-پات مۇراجىئەت قىلىپ پايدىلىنىپ ئۆزىنى تۈزەپ تۇرىدىغان، ئىخچام ۋە مەزمۇنلۇق بىر كىتابچە ھازىرلاشنى لايىق كۆردۈم.

   مەن شۇ مەقسەت بىلەن ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن زۆرۈر دەپ قارالغان مەسىلىلەرنى ئىنتايىن ئىخچام شەكىلدە توپلاپ چىقىىپ بۇ ئەسەرنى ھازىرلىدىم. ئىنسانلار ئەينەككە قاراپ ئۆزىنى كۆرۈپ ۋە شەكلىنى تۈزەپ تۇرغىنىغا ئوخشاش مۇئمىن قېرىنداشلىرىممۇ بۇ ئەسەرگە پات- پات قاراپ ئۆزىنىڭ ئەيىب- نۇقسانلىرىنى كۆرۈپ ۋە تۈزىتىپ تۇرۇشىنى، ھەمراھ قىلىپ يېنىدا ساقلاپ، مۇراجىئەت قىلىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، بۇ ئەسەرنىڭ ئىسمىنى «ئەڭگۈشتەر- مۇئمىننىڭ ھەمراھى» دەپ قويدۇم. ھەدىسلەرنىڭ مەنبەلىرىنى بېكىتىشتە «المكتبة الشاملة»([1]) دېگەن تور كىتابخانىسى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ھەدىس توپلاملىرىنىڭ ۋە ھەدىسلەرنىڭ نومۇرلىرى مەزكۇر كىتابخانىدىكى نۇسخىسىغا ئاساسەن قويۇلدى.

  جانابى ئاللاھ تائالادىن بۇ ئاددىي ئەسەرنى خەلقىم ئۈچۈن مەنپەئەتلىك قىلىپ بېرىشىنى ۋە بۇ ئەمگەكنىڭ ئەجىر- مۇكاپاتىنى ئىككى ئالەمدە تولۇق بېرىشىنى تىلەيمەن.

—مۇھەممەد يۈسۈپ

ھىجرى 1440-يىلى، زۇلقەئدە ئاينىڭ 20- كۈنى،

مىلادى2019-يىلى، 23- ئىيۇل.

جىددە — سەئۇدى ئەرەبىستان

 

 

.