كىتاب ئىسمى تەپسىر جەۋھەرلىرى 8- توم
ئاپتورى مۇھەممەد يۈسۈپ
نەشر قىلغان ئورۇن
نەشر قىلىنغان ۋاقتى
ھەجمى 16/23
بەت سانى 553
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

ئەڭ گۈزەل ماختاشلار ۋە ئەڭ ئېسىل مەدھىيەلەر خالىس ئىبادەت قىلىنىشقا تامامەن ھەقلىق بولغان، بارچە ئالەملەرنىڭ رەببى — ياراتقۇچى ئىگىسى ۋە پەرۋىش قىلغۇچىسى، ھەق دىننى ئەۋەتىش ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە ئاتىغان ئەڭ كاتتا نېمىتىنى تاماملىغان ۋە «قۇرئان كەرىم»دىن ئىبارەت مەڭگۈ ئۆچمەس ھىدايەت مەشئىلىنى نازىل قىلىپ دىللارنى نۇرلاندۇرغان ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالاغا جىمى مەۋجۇداتنىڭ سانىچىلىك ھەمدۇسانا ئېيتىمەن، ئۇنى چىن يۈرىكىمدىن سۆيىمەن ۋە مەدھىيەلەيمەن. ئىنسانىيەتكە ھەق دىننى يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى كۇفرى ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىمان، ھىدايەت ۋە ئىلىم -مەرىپەتنىڭ نۇرىغا يېتەكلىگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد، دۇئا ۋە سالام يوللايمەن، ئۇنىڭ ئائىلە _ تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مۇئمىنلەرگە، شۇنداقلا تا قىيامەتكىچە ئۇنىڭ يولىدا ماڭىدىغان مۇئمىن قېرىنداشلىرىمغا جانابى ئاللاھ تائالادىن رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلەيمەن.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ تەپسىرى

تەپسىر — ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى بولغان«قۇرئان كەرىم»نىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، ئەھكاملىرىنى ۋە ھېكمەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان ئىلىم دېمەكتۇر([1]). ئاللاھ تائالا ھەربىر پەيغەمبەرنى ئۇنىڭ ئۆز قەۋمى ئىچىدىن تاللاپ چىقارغاندەك، كىتاب نازىل قىلغان پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئۇ كىتابلارنى ئۇلارنىڭ ئۆز تىلىدا نازىل قىلغان. ﴿ وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ رَسُولٍ إِلَّا بِلِسَانِ قَوْمِهِ لِيُبَيِّنَ ﴾ يەنى ﴿ قانداقلا بىر پەيغەمبەر ئەۋەتەيلى، بىز ئۇنى ئۆز قەۋمىگە (ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى) بايان قىلىپ بەرسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ تىلىدا (سۆزلەيدىغان قىلىپ) ئەۋەتتۇق ﴾([2]). ساماۋى دىننىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەرەب يېرىم ئارىلىدا دۇنياغا كەلگەن ۋە شۇ جايدا بارلىق ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان«قۇرئان كەرىم» ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ تىلى بولغان ئەرەب تىلىدا نازىل قىلىنغان. ﴿ إِنَّا أَنْزَلْنَاهُ قُرْآَنًا عَرَبِيًّا لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ ﴾ يەنى ﴿شۈبھىسىزكى، سىلەرنى ئەقلىنى ئىشلەتسۇن دەپ، بىز ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلىپ نازىل قىلدۇق﴾([3]). «قۇرئان كەرىم» ئەرەبلەرنىڭ ئۆز تىلىدا نازىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئۇنى چۈشىنەتتى، مەنىسىنى بىلەتتى. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ئىستىلىستىكىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى، پاساھىتى ۋە مۆجىزىسى بىلەن ئەرەبلەرنىڭ سۆزلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىق ئىدى. شۇڭا «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشتە ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسى بىر خىل ئەمەس ئىدى، ھەتتا ساھابىلەرمۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشتە بىر خىل ئەمەس ئىدى، ئۇلار چۈشەنمىگەن ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇراجىئەت قىلىپ ئۇنىڭدىن ئۆگىنەتتى. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم»نى ئۆزىنىڭ ھەدىسلىرى ۋە ئەمەلىيىتى بىلەن تەپسىر قىلىپ بېرەتتى. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇنجى مۇپەسسىر ھېسابلىنىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ساھابىلەر داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بۇ شەرەپلىك خىزمەتنى ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر داۋاملاشتۇرۇپ زامانىمىزغا قەدەر يەتكۈزدى. نەتىجىدە، ھازىرغىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەرخىل تىللاردا مىڭلارچە تەپسىرلەر يېزىلدى. شۇ قاتاردا دىيارىمىزدىمۇ مىلادىيە 11- ئەسىردىن باشلاپلا «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرلىرى ئۇيغۇر تىلىدا يورۇق كۆرۈشكە باشلىغان بولۇپ، تۇنجى ئۇيغۇرچە تەپسىرنى ئاتاقلىق تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد قەشقەرىينىڭ ئۇستازى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەف كاشغەرىي يازغان. شۇنىڭدىن كېيىن، بىزنىڭ ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىمىز بۇ ئۇلۇغ خىزمەتنى زامانىمىزغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە بولغان ئېھتىياج

«قۇرئان كەرىم» نى تەپسىر قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ نېمە دېگەنلىكىنى، نېمىگە بۇيرۇپ، نېمىدىن توسقانلىقىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن باشلاپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەڭ شەرەپلىك دىنىي خىزمەت ۋە كاتتا ئىبادەتتۇر. «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەنىسىنى ۋە تەپسىرلىرىنى بارلىق ئىنسانلارغا، ھەتتا ئاۋاملارغىچە ھەممىگە بىلدۈرۈش پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسى بولغان ئۆلىمالارنىڭ شەرەپلىك ۋەزىپىسىدۇر.

ئىلىملەرنىڭ تۈرلىرى كۆپەيگەن ۋە تۇرمۇش قىيىنلاشقان بۇ دەۋردە ھەممىلا ئادەمنىڭ دىنىي ئىلىملەردە مۇتەخەسسىس بولۇشى كۈتۈلمەيدۇ. چۈنكى، دۇنيالىق ئاخىرەتلىككە ئۈستۈن قىلىنىۋاتقان بۇ زاماندا كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە كۆرسەتكەن پىرىنسىپلارغا ئۇدۇللاشقا ۋە مەنىۋىيەتكە بولغان تەشنالىقلىرىنى «قۇرئان كەرىم» ئارقىلىق قاندۇرۇشقا ھەممىدىن بەك موھتاج. شۇڭا ئۇلارغا ئىككى دۇنيالىق سائادەت ۋە خاتىرجەملىكنىڭ كاپالىتى بولغان ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنىڭ مەنىلىرىنى چۈشىنىشلىك ھالدا ئۇدۇلمۇئۇدۇل نەق كۆرسىتىپ بېرىش ئىنتايىن زۆرۈردۇر. چۈنكى، ھەربىر مۇسۇلماننىڭ «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغان ۋە توسقانلىرىنى ئۆگىنىش ھەم ئورۇنداش مەجبۇرىيىتى بار.  شۇڭا بىز بۇ تەپسىردە، «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۆجىزىلىرى، ئەدەبىي ئالاھىدىلىكى، سىر – ئەسرارلىرى، ئىلمىي ھەقىقەتلىرى ۋە پەن _ تېخنىكا يېڭىلىقلىرى توغرۇلۇق بەرگەن خەۋەرلىرى قاتارلىق ماۋزۇلارغا كىرمىدۇق. ئۇلارنى شۇ پەنلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىزدىنىشىگە ھاۋالە قىلدۇق ۋە خەلقىمىزنىڭ «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ، ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە بۇيرۇغان ۋە توسقانلىرىنى بىلىۋېلىشىنى ئالدىنقى مەقسەت قىلدۇق.

ئىنسانلار جەمئىيىتى ئاللاھ تائالا بەلگىلەپ بەرگەن ئىلاھىي قانۇنغا موھتاجدۇر. چۈنكى، ئۇلار ئىنسانلار تەرىپىدىن لايىھەلەپ چىقىلغان يەرلىك قانۇنلارنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان بىلىپ يەتتى، خۇسۇسەن بۇ قانۇنلارنىڭ جىنايى قىلمىشلارنى تىزگىنلەش، كىشىلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە جەمئىيەت ئىنتىزامىنى ساقلاش قاتارلىق ئىشلاردا ئاجىز كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە كىشىلەرنىڭ خاتىرجەملىكىنى كاپالەتلەندۈرەلمەيۋاتقانلىقىنى تولۇق بىلدى. ئۇلار ماددىي مەنپەئەتنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇش ئومۇملىشىپ كەتكەن بۇ ھاياتلىقتىن زېرىكىپ، بىرەر قۇتقۇزغۇچىغا بولغان ئېھتىياجىنى جىددىي ھېس قىلىشتى. مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ كالامى ۋە ھاياتلىقنىڭ ئۆزگەرمەس دەستۇرى بولغان «قۇرئان كەرىم» نى قايتا ئېسىگە ئالدى. ئۇلار «قۇرئان كەرىم» سايىسىدىلا خۇددى بۇرۇنقى سائادەت ئەسىرىدىكىدەك ئىززەتكە، تىنچ _ ئامانلىققا، تەشۋىشلەردىن خاتىرجەملىككە ۋە بەختلىك ھاياتقا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندى.

«قۇرئان كەرىم» نازىل بولۇش بىلەن يەر يۈزىدە ئەڭ قالاق ھايات كەچۈرىدىغان، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەڭ نامرات، سىياسىي جەھەتتىن ئەڭ ئۇرۇشقاق، ئىناقسىز، ئىجتىمائىي جەھەتتىن ئەڭ تارقاق بىر مىللەتنى توغرا يولغا يېتەكلەپ، مەرتىۋىسىنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلىك، ئەخلاق _ پەزىلەتلىك ۋە مەدەنىيەتلىك بىر مىللەتكە ئايلاندۇردى. ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ إنَّ هَٰذَا ٱلۡقُرَانَ يَهۡدِي لِلَّتِي هِيَ أَقۡوَمُ ﴾ يەنى ﴿شەكسىزكى، بۇ قۇرئان (ئىنسانلارنى) ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ﴾([4]) دېگەن سۆزى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى ئىنسانلارغىلا خاس ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇ «قۇرئان كەرىم» تا قىيامەتكىچە بارلىق ئىنسانىيەتكە ھىدايەت مەشئىلىدۇر. «قۇرئان كەرىم»نىڭ يولىدا ماڭغانلار بۇ دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ ئەلۋەتتە بەختلىك ھاياتقا ئېرىشىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسى ماركسىزمچىلارنىڭ خىيالىي جەننىتىگە ئوخشىمايدۇ. توغرا يولغا كىرگەن كىشى ئەڭ بەختلىك كىشىدۇر. چۈنكى، كىشىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان مەيلى دۇنيالىق، مەيلى ئاخىرەتلىك ھەرقانداق بىر زىيان- زەخمەت، پەقەت ئىشنى توغرا يوسۇندا قىلمىغانلىقتىن بولىدۇ. بۇ خۇددى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان ئادەمنىڭ يول قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىدىن ھاياتىنى نابۇت قىلغىنىغا ئوخشاشتۇر. ھەربىر ئىشنى توغرا يوسۇندا قىلغان كىشى زىياندىن خالىي بولىدۇ. «قۇرئان كەرىم» ئىنساننىڭ بىر پۈتۈن ھاياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەستۇر بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئاتا قىلىدىغان ھىدايىتى دىنىي تەرەپكىلا خاس ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنى دىن ۋە دۇنيالىق بارلىق ئىشلىرىدا توغرا ئېتىقادقا، توغرا پىكىرگە، توغرا يۆنىلىشكە، توغرا ئىشقا ۋە توغرا نەتىجىگە يېتەكلەيدۇ. يۇقىرىقى ئايەتتىكى «توغرا يول»نىڭ مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە كەڭدۇر. قىسقىسى، ئىنسان توغرا يولغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پۈتۈن ئىشلىرى شۇ توغرا يولدا، توغرا يوسۇندا كېتىۋېرىدۇ. شەكسىزكى، توغرا يولنىڭ يېتەكچىسى «قۇرئان كەرىم»دۇر. «قۇرئان كەرىم» بىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىمىزدۇر. ئۇ بىزنىڭ ئىككى ئالەملىك خاتىرجەملىكىمىزنى تولۇق كاپالەتلەندۈرىدىغان ئاساسلىق دەستۇرىمىزدۇر. «قۇرئان كەرىم» نىڭ كۆرسەتمىلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ تەپسىرىگە – تەپسىر بولغاندىمۇ «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنىڭ مەقسەت قىلىنغان مەنىسىنى، ئاللاھ تائالانىڭ نېمە دېگەنلىكىنى كىشىلەرگە چۈشىنىشلىك قىلىپ ئۇدۇلمۇئۇدۇل دەپ بېرەلەيدىغان بىر تەپسىرگە _ ئېھتىياجلىقمىز.

مەندىكى تەپسىر يېزىش ئىستىكى

ئوقۇغۇچىلىق چاغلىرىمدىن باشلاپ، مۇسۇلمانلارغا، خۇسۇسەن ئاۋام خەلققە «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنىڭ مەقسەت قىلىنغان مەنىسىنى، ئاللاھ تائالانىڭ مەقسىتىنى توپتوغرا، ئۇدۇللا كۆرسىتىپ بېرىدىغان، چۈشىنىشلىك بىر تەپسىرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. لېكىن ئۇ چاغلاردا بۇنداق بىر تەپسىرنى يېزىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم. چۈنكى، «قۇرئان كەرىم» نى تەپسىر قىلىپ ئۇنىڭ مەقسەتلىرىنى ئايدىڭلىتىش ئىشى پەۋقۇلئاددە ئىلىم، يۇقىرى سەۋىيە تەلەپ قىلاتتى. مەن ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدىم. چۈنكى، دەسمايەم ئاز، سەۋىيەم تۆۋەن، تەجرىبەم يېتەرسىز ئىدى. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەقسەت قىلىنغان مەنىلىرىنى ھەركىم ئاسانلا چۈشىنەلەيدىغان ئاددىي سۆزلەر بىلەن كىشىلەرگە چۈشىنىشلىك ھالدا، ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىرەر تەپسىر ئىزدىمەكچى بولدۇم.

مەن مۇشۇ مەقسەت بىلەن تەپسىرلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ، ئاخىر ئەزھەر ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئۇستازى دوكتور مۇھەممەد مەھمۇد ھىجازىينىڭ «التفسير الواضح» (تەپسىرى ۋازىھ) ناملىق ئۈچ توملۇق تەپسىرىنى ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر مەسجىدىنىڭ مۇدەررىسلىرىدىن ئەللامە ئەبۇ بەكرى جابىر ئەل جەزائىرىينىڭ »أيسر التفاسير لكلام العلي الكبير» (ئەيسەرۇتتەفاسىر) ناملىق بەش توملۇق تەپسىرىنى مۇناسىپ كۆردۈم. چۈنكى، بۇ ئىككى تەپسىرنىڭ بىرى يەنە بىرىنى تولۇقلايتتى. بۇ ئىككى تەپسىر زامانىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنىڭ مەقسەت قىلىنغان مەنىلىرىنى چۈشىنىشكە بولغان زور ئېھتىياجىنى نىسبەتەن تەمىن ئېتىدىغاندەك تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى تەپسىرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ ۋە يەنە باشقا مۆتىۋەر تەپسىرلەرنىڭ جەۋھەرلىرىنى سۈزۈپ ئېلىش قارارىغا كەلدىم. دوستلىرىممۇ بۇ پىكىرىمنى قوللاپ- قۇۋۋەتلىدى ۋە تېزرەك تۇتۇش قىلىشىمنى تەۋسىيە قىلىشىپ ماڭا مۇۋەپپەقىيەت تىلىگەن بولدى.

بۇ ئىككى تەپسىرنى ئاساس قىلىشىمدىكى سەۋەب

1. بۇ ئىككى تەپسىر «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنىڭ مەقسەت قىلىنغان مەنىلىرىنى ئىنتايىن چۈشىنىشلىك ۋە ئىخچام ھالدا بايان قىلىپ بەرگەن.

2. ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە ئوقۇرمەنلەرنى زېرىكتۈرۈپ قويىدىغان دەرىجىدىكى كۆپ سۆزلەشتىن ۋە مەنىگە دەخلى يېتىدىغان دەرىجىدىكى ئىخچاملىقتىن يىراق ئوتتۇرا يولنى تۇتقان.

3. ئەقىدە مەسىلىسىدە ئەھلى سۈننەتنىڭ([5]) يولىنى تۇتقان بولۇپ، سەلەف سالىھلارنى ئۈلگە قىلغان.

4. قەدىمقى تەپسىرلەردىكى «ئىسرائىلىيات» دەپ ئاتالغان خۇراپى قىسسىلەرنى ۋە ئىختىلاپلىق قاراشلارنى ئالمىغان.

5. ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە مۇپەسسىرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىدىن ئەڭ كۈچلۈك دەپ قارالغانلىرىنى تاللاپ ئالغان.

«التفسير الواضح»نىڭ ئالاھىدىلىكى: سۈرىلەرنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ھەربىر بۆلەك ئۈچۈن مەخسۇس ماۋزۇ قويغان ۋە ھەربىر ماۋزۇدىكى ئايەتلەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى قىسقىچە بايان قىلغان.

 «أيسر التفاسير لكلام العلي الكبير»نىڭ ئالاھىدىلىكى: ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ شۇ مەزمۇندىكى ئايەتلەردىن بىر، ئىككى، ئۈچ ۋە ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش ئايەتنىڭ ئومۇمىي مەنىسىنى بىراقلا بايان قىلغان. ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدىن كېيىن، شۇ ئايەتلەرنىڭ بىر قانچە مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئىخچام ھالدا بايان قىلغان. ھەربىر بۆلەكنىڭ تەپسىرىدىن كېيىنكى «مۇھىم نۇقتىلىرى» دېگەن قىسمىدىكى مەزمۇنلارنىڭ كۆپرەكى ئاساسەن مۇشۇ تەپسىردىن ئېلىندى.

ئاندىن بۇ ئىككى تەپسىرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، تۆۋەندىكى تەپسىرلەرنىڭ جەۋھەرلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن سۈزۈپ چىقتىم:

1.          تەپسىرى تەبەرىي (جامع البيان في تفسير القرآن).

2.          تەپسىرى قۇرتۇبىي (تفسير القرطبي)

3.          تەپسىرى بەغەۋىي (معالم التنزيل).

4.          تەپسىرى ئىبنى كەسىر (تفسير القرآن العظيم).

5.          تەپسىر جەلالەين (تفسير الجلالين).

6.          تەپسىرى رازىي (التفسير الكبير للرازي)

7.          تەپسىر سەفۋەتۇتتەفاسىر (تفسير صفوة التفاسير).

8.          تەپسىرى سەئدىي (تيسيرالكريم الرحمن في تفسير كلام المنان).

9.          تەپسىر شەئراۋىي (خواطر الشعراوي حول القرآن).

10.       تەپسىرى ئىبنى ئاشۇر (التحرير والتنوير).

11.       تەپسىرى مۇيەسسر (التفسير الميسر).

12.       تەپسىرى مۇختەسەر (المختصر في التفسير).

13.       «ئەل جەدۋەل فى ئىرابىل قۇرئان» (الجدول في إعراب القران).

 

يۇقىرىقى تەپسىرلەردىن باشقا يەنە «فى زىلالىل قۇرئان» (في ظلال القرآن)، «تەپسىرى شىنقىيتىي» (أضواء البيان في إيضاح القرآن بالقرآن)، «تەپسىرى كەششاف» (الكشاف)، «تەپسىرى بەيزاۋى» (أنوار التنزيل وأسرار التأويل) قاتارلىق تەپسىرلەردىن پايدىلاندىم.

تەپسىر جەۋھەرلىرى

ئاللاھ تائالانىڭ سۆزلىرىنى ئىنسانلارغا چۈشىنىشلىك ۋە روشەن ئۇسلۇب بىلەن يەتكۈزۈش ھەربىر ئۆلىمانىڭ ئەڭ ئاساسلىق بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى بولۇپ، «قۇرئان كەرىم»نى تەپسىر قىلىشنىڭ نەقەدەر جاپالىق ۋە قىيىن ئەمگەك ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ، سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىگە، تەجرىبەمنىڭ يېتەرسىزلىكىگە قارىماي، ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە تايىنىپ بۇ ئىشنى باشلىدىم. بۇ تەپسىرنى خەلقىمگە مەنپەئەتلىك، ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ سۆزلىرىنى چۈشىنىشىگە، ئىمانىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم قىلىدىغان، تەپسىرگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان شەكىلدە تاماملاپ چىقىشىم ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلىدىم، قولۇمدىن كەلگەنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم.

بۇ تەپسىرنى «تەپسىر جەۋھەرلىرى» دەپ ئاتىدىم. چۈنكى، بۇ قەدىمدىن ھازىرغا قەدەر يېزىلغان مۆتىۋەر تەپسىرلەرنىڭ جەۋھەرلىرى سۈزۈپ ئېلىنغان، مۇپەسسىرلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قاراشلىرى تاللاپ چىقىلغان، بايانلىرى چۈشىنىشلىك قىلىپ ئىخچاملانغان، ئىسمىغا لايىق بىر ئەسەر بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن بىر تاللانمىدۇر.

«تەپسىر جەۋھەرلىرى» تەپسىرلا ئەمەس، بەلكى كۆپلىگەن دىنىي مەسىلىلەرنىڭ بايانىنى، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى، بەزى ھەدىسلەرنىڭ شەرھىنى ۋە ئىسلام تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلىكلەرنىڭ تەھلىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پايدىلىق بىر ئەسەردۇر.

بۇ تەپسىرنىڭ ئۇسلۇبى تۆۋەندىكىچە بولدى:

بىرىنچى، سۈرە ھەققىدە قىسقىچە بايان ۋە سۈرىدىكى ئاساسلىق مەقسەت.

ئىككىنچى، ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىسى.

ئۈچىنچى، نۆۋەتتىكى ئايەتلەرنىڭ ئالدىنقى ئايەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى.

تۆتىنچى، نازىل بولۇش سەۋەبى.

بەشىنچى، تەپسىرى.

ئالتىنچى، مۇھىم نۇقتىلىرى.

 

تەپسىردىكى ئاساسلىق باسقۇچلار

 «تەپسىر جەۋھەرلىرى» ناملىق بۇ تەپسىرنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە تۆۋەندىكىدەك تۆت باسقۇچلۇق جاپالىق ئەمگەكنى باشتىن كەچۈردۈم:

 بىرىنچى باسقۇچ: «التفسير الواضح» بىلەن »أيسر التفاسير لكلام العلي الكبير» دىن ئىبارەت ئىككى تەپسىرنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرىنى تاللاپ ئالدىم.

 ئىككىنچى باسقۇچ: يۇقىرىدا ئىسىملىرى زىكىر قىلىنغان مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ، بۇ تەپسىرلەردىكى جەۋھەرلەرنى سۈزۈپ چىقىپ تەپسىرىمنى بېيىتتىم.

ئۈچىنچى باسقۇچ: بۇ تەپسىرنى يۇقىرىقى تەپسىرلەرگە بىر _ بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ چىقىپ، مۇپەسسىرلەرنىڭ دەلىل جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك قاراشلىرىنى تاللاپ چىقتىم.

تۆتىنچى باسقۇچ: كۆپ مەنىگە دالالەت قىلىدىغان ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە ئىمكانقەدەر مەشھۇر مۇپەسسىرلەرنىڭ قاراشلىرىنى بىر _ بىرلەپ بايان قىلىشقا تىرىشتىم.

ئايەتلەرنى تەرجىمە قىلىشتىكى پىرىنسىپىم

ھەربىر ئايەتنى تەرجىمە قىلىشتا، ئاندىن ئۇنىڭ تەپسىرىنى بايان قىلىشتا ئىنتايىن سەۋرچانلىق ۋە تەمكىنلىك بىلەن ئىش كۆرۈپ، يۇقىرىقى تەپسىرلەرگە بىر _ بىرلەپ مۇراجىئەت قىلىپ چىقىپ، مۇپەسسىرلەرنىڭ قاراشلىرىدىن ئەڭ كۈچلۈك دەپ قارالغانلىرىنى ۋە دەلىل جەھەتتىن ئەڭ قانائەتلىنەرلىك بولغانلىرىنى تاللاپ ئالدىم. كۆپ مەنىگە دالالەت قىلىدىغان ئايەتلەرنى تەرجىمە قىلىشتا ۋە تەپسىر قىلىشتا، بۇ ئايەتلەرنىڭ بىرلا مەنىسىگە كۇپايە قىلماي، ئىمكانقەدەر ھەممە مەنىلەرنى بايان قىلىشقا تىرىشتىم، ئاخىردا بىر قانچە قاراشنىڭ ئارىسىدىن مۆتىۋەر مۇپەسسىرلەر تەرىپىدىن ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارالغانلىرىنى كۈچلەندۈردۈم.

«قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنىڭ تەرجىمىسىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، ئەستايىدىللىق بىلەن باشتىن ئاخىر ئۈچ قېتىم تەكشۈرۈپ، ئۇيغۇرچە، تۈركچە تەرجىمىلەرگە ۋە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەپسىرلەرگە سەۋرچانلىق بىلەن قايتا سېلىشتۇرۇپ چىقىپ ئاندىن بېكىتتىم.

«قۇرئان كەرىم» نىڭ تەرجىمىسى

 تەرجىمە دېگەنلىك ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدا بىر تىلدىكى سۆزلەرنى يەنە بىر تىلغا سۆزمۇ _ سۆز يۆتكەپ قويۇش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئەسلى تىلدىكى مەنىنى تەرجىمە قىلماقچى بولغان تىلدا ئەسلىسىگە ئۇيغۇن ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشتۇر. مانا بۇ ھەقىقىي تەرجىمىدۇر. ساھابىلەردىن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا: «قۇرئاننىڭ تەرجىمانى» دېگەن شەرەپلىك ئۇنۋاننىڭ بېرىلگەنلىكى ئۇنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى ئەرەب تىلىدىن باشقا بىر تىلغا تەرجىمە قىلغانلىقىدىن ئەمەس، چۈنكى، ئۇ ئۇنداق قىلمىغان، بەلكى ئۇنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەنىسىنى تولۇق بىلگەنلىكى ۋە ئۇنى توغرا چۈشەندۈرگەنلىكىدىن ئىدى.

 تەرجىمە ئىشىدا، تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئۆزى تەرجىمە قىلماقچى بولغان تىلدىكى مەنىنى تولۇق بىلىشى ۋە مەقسەتنى ناھايىتى ئېنىق چۈشىنىشى شەرتتۇر. ئەكسىچە بولغاندا، ئۇ تەرجىمە ئەمەس، بەلكى تېكىستنى پەقەتلا سۆزمۇ-سۆز يۆتكەپ قويغانلىق بولۇپ قالىدۇ. ئەسلى تىلدىكى مەنىنى تەرجىمە تىلىغا ئۆز ئەينى بويىچە، ھېچ بولمىغاندا، ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز ئەينى بويىچە ئىپادىلەپ بېرىش تەرجىماننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىدۇر.

 مەلۇمكى، «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىش ئىشى باشقا ھەرقانداق كىتابنى تەرجىمە قىلىش ئىشىدىن ئالاھىدە پەرقلىق بولغان تولىمۇ نازۇك ئىشتۇر. چۈنكى، بۇنىڭدا ئاللاھ تائالانىڭ نېمە دېگەنلىكىنى تولۇق بىلىش ۋە ئەتراپلىق چۈشىنىش تەرجىماننىڭ ئەڭ ئاساسلىق غايىسى ۋە ئەڭ چوڭ ۋەزىپىسىدۇر. مەن بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ تولىمۇ ئېغىر ۋە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ھالدا يولغا چىققان بولدۇم. «قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشتىن ئىبارەت ھاياتىمدىكى ئەڭ شەرەپلىك ۋە ئەڭ ئۇلۇغ بىر ئىشنى ۋايىغا يەتكەن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگىنىچە تىرىشتىم.

ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىسىدە پايدىلانغان مەنبەلەر

 ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىسىدە يۇقىرىدا ئىسىملىرى بايان قىلىنغان تەپسىرلەردىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىرگە، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئۆزبېكچە ۋە قازاقچە تەرجىمە نۇسخىلىرىدىن ئەتراپلىق پايدىلاندىم. خۇسۇسەن ئەللامە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ «‹قۇرئان كەرىم› ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» بىلەن تۈركىيەنىڭ ھازىرقى زامان پروفېسسور ئالىملىرىدىن تەشكىللەنگەن ئالتە كىشىلىك كومىتېت تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى تەرىپىدىن «پادىشاھ فەھد قۇرئان نەشر قىلىش ئاكادېمىيەسى»دە باستۇرۇپ تارقىتىلغان تۈركچە تەرجىمە بىلەن بىرلىكتە بىر قانچە تۈركچە تەرجىمىلەردىن پايدىلاندىم. ھەربىر ئايەتنىڭ تەرجىمىسىنى يۇقىرىقى مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە بىر _ بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ چىقىپ، ئاندىن مۇقىملاشتۇردۇم.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەرقايسى تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىلىرىدا مۇنداق ئىككى خىل يۆنىلىش مەۋجۇت ئىكەن: بىرى، تەرجىمىدىن مەقسەت ئاللاھ تائالانىڭ نېمە دېگەنلىكىنى باشقا تىلدا ئىپادىلەش بولغانلىقتىن، ئايەتلەرنى مەنە جەھەتتىن تەرجىمە قىلىش يېتەرلىكتۇر، دېگەن يۆنىلىش، يەنە بىرى، ئايەتلەرنى مەنە جەھەتتىن تەرجىمە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك دېگەن يۆنىلىش. بىز بۇ تەرجىمىدە ئىككىنچى يۆنىلىش بويىچە ماڭدۇق. چۈنكى، ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى تەرجىمە قىلىش بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئىپادىلەش ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىش ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. بۇ دېگەنلىك ئايەتلەرنى ئەرەب تىلىدىكى پاساھىتى ۋە بەدىئىيلىكى بويىچە ئۇيغۇرچىغا ئەينەن تەرجىمە قىلىش دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى، بۇ مۇمكىن ئەمەس، بەلكى ئىپادىلەش ئۇسلۇبىنى ئىمكانقەدەر ساقلاپ قېلىش دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن: ﴿وَنَفَخَ فِيهِ مِنْ رُوحِهِ﴾ دېگەن ئايەت تۈركىي تىللارغا:«ئاللاھ ئۇنىڭغا جان كىرگۈزدى»،  «ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ روھىدىن پۈۋلىدى»، «ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۆزىگە مەنسۇپ روھنى كىرگۈزدى»، «ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۆز ئىلكىدىكى روھنى كىرگۈزدى» ۋە «ئاللاھ ئۇنىڭغا (ئۆزى ياراتقان) روھتىن پۈۋلىدى» دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل تەرجىمە قىلىنغان. بىز ئەڭ ئاخىرقىسىنى تاللىدۇق. يۇقىرىقى تەرجىمىلەرنىڭ ھەممىسى توغرا، چۈنكى ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىپ، ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈرسىمۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى تەرجىمە «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىگە ئەڭ ئۇيغۇن بولۇشى مۇمكىن.

ساپ ئۇيغۇرچە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش

ئۆتمۈشلەردە ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەب ۋە پارىس تىللىرىدىن كۆپلىگەن دىنىي ئاتالغۇلارنىڭ كىرىشى ۋە ئۇيغۇر تىلىدىمۇ دىنىي ئاتالغۇلارنىڭ بارلىققا كېلىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر تىلىمىزدا كۆپلىگەن دىنىي ئاتالغۇلار ئورۇن ئالغان. بىز مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، خۇسۇسەن، مەدرىسىلەردە بۇ دىنىي ئاتالغۇلار ناھايىتى كۆپ قوللىنىلىپ كەلگەن. دىنىي ئەسەر يازغاندا ياكى تەرجىمە قىلغاندا، ئۇيغۇر تىلىدىكى دىنىي ئاتالغۇلارغا ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىن زۆرۈردۇر.

ئەمما ھازىرقى زاماندا ئانا ۋەتەندە دىنىي ئوقۇشنىڭ يوقلۇقى، دىنىي مەدرىسىلەرنىڭ تاقالغانلىقى، ئائىلىلەردىمۇ دىنىي سۆزلەر ۋە دىنىي ئاتالغۇلارنىڭ ئىلگىرىكى زامانلاردىكىدەك قوللىنىشنىڭ كەملىكى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپتە ئۆگەنگەن ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلاردىن باشقا ئاتالغۇلارنى ئاساسەن بىلمەسلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر بىزنى كىتاب يازغاندا ياكى تەرجىمە قىلغاندا، مۇمكىنقەدەر ساپ ئۇيغۇر تىلىنى ۋە ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلايدۇ. چۈنكى، كىتابنى يېزىش ياكى تەرجىمە قىلىشتىكى مەقسەت ھەممە كىشىنىڭ ئاسانلا چۈشىنىشى ۋە تولۇق مەنپەئەت ئېلىشى ئۈچۈندۇر. بۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قالغانلىقتۇر.

 

([1]) ئەللامە زەركەشىنىڭ «البرهان في علوم القرآن» ناملىق ئەسىرى 1_ توم، 13_ بەت.
([2]) ئىبراھىم سۈرىسى: 4_ ئايەت.
([3]) يۈسۈف سۈرىسى: 2_ ئايەت.
([4]) ئىسرا سۈرىسى: 9- ئايەت.
([5]) ئەھلى سۈننەت _ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدا ئىزچىل ماڭغان مۇسۇلمانلار توپىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ «ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە» دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، سۈننەت – بىر خىل ئەقىدە ئەتراپىغا توپلاشقان جامائەت ياكى ئۈممەتنىڭ ئېتىقاد يولى بولۇپ، بۇ يولدا بىرلەشكەن ۋە ئوخشاش ئېتىقادتا بولغان ئىنسانلار «جامائەت» دەپ ئاتالغان. (شەھرىستانى «الملل والنحل» 1- توم، 47- بەت).