كىتاب ئىسمى تەپسىرى مۇيەسسەر
ئاپتورى بىر گۇرۇپپا ئۆلىمالار
نەشر قىلغان ئورۇن ئىستانبۇل
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2023
ھەجمى ئوتتۇرا بوي
بەت سانى 1020
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

«تەپسىرى مۇيەسسەر» ناملىق بۇ تەپسىر زامانىمىزغا قەدەر يېتىپ كەلگەن مۆتىۋەر تەپسىرلەردىن يۈزلەرچە تەپسىرنىڭ جەۋھەرلىرى تاللاپ ئېلىنغان ۋە تەپسىر ساھەسىدە ئالاھىدە تونۇلغان كاتتا مۇپەسسىر ئۇستازلار تەرىپىدىن تەييارلانغان ئەڭ ئىشەنچلىك، ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك تەپسىر بولۇپ، بۇ تەپسىر مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى «پادىشاھ فەھد قۇرئان نەشر قىلىش ئاكادېمىيەسى» تەرىپىدىن 31 مىللەتنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلغان بولۇپ، ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن مەكۇر تەپسىرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ روياپقا چىققان بولدى.
«تەپسىرى مۇيەسسەر»دىن ئىبارەت بۇ شانلىق تەپسىرنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«زامانىمىزدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، تەپسىر پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن، سەلەف سالىھلارنىڭ يولىغا مۇۋاپىق، ئىشەنچ قىلغىلى بولىدىغان، ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى ۋە مەقسەت، غايىلىرىنى روشەن بايان قىلىپ بېرىدىغان، مەزمۇنلۇق، ئىخچام بىر تەپسىر ھازىرلاپ چىقىش ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ قالغان ئىدى. مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ‹پادىشاھ فەھد قۇرئان نەشر قىلىش ئاكادېمىيەسى› بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىشقا مۇناسىپ، ئىبارىلىرى ئوڭاي، بايانلىرى راۋان بىر تەپسىر ھازىرلاپ چىقىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر تەپسىرنىڭ سىناق نۇسخىسىنى تەييارلاپ چىقىشقا تەپسىر ئىلمىدە توشقان، بۇ ساھەدىكى مول ئەمگەكلىرى بىلەن تونۇلغان مەشھۇر ئۇستازلار تەكلىپ قىلىندى ۋە تۆۋەندىكى شەرتلەر قويۇلدى:
1. ئايەتلەرنى سەلەف سالىھلارنىڭ ئېتىقادىغا ئۇيغۇن، ئەھلى سۈننەت ۋەلجەمائە مەزھىپىدە تەپسىر قىلىش.
2. رىۋايەت تەپسىرلەرنى باشقا تەپسىرلەرنىڭ ئالدىغا قويۇش.
3. نەقىل كەلتۈرۈشتە توغرا دەپ قارالغانلىرىغا كۇپايە قىلىش.
4. تەپسىر جەريانىدا قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ۋە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش.
5. تەپسىردە ئىشلەتكەن سۆزلەر ئاددىي ۋە ئىخچام بولۇشى ۋە تەپسىر جەريانىدا بەزى يات سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاش.
6. توختىلىۋاتقان ئايەتنىڭ مەنىسىنىلا تەپسىر قىلىش، مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى شۇ ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلىشقا قالدۇرۇش.
7. ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى نەقىلگە ھاجەت بولماستىن ئۇدۇل بايان قىلىش، پەقەت زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندا شۇنىڭغا قاراپ ئىش كۆرۈش.
8. تەپسىرنىڭ ھەفسنىڭ ئاسىمدىن ئۆگەنگەن قىرائىتىگە مۇۋاپىق بولۇشى .
9. قىرائەت تۈرلىرى، گرامماتىكا، مورفولوگىيە ۋە ئىستىلىستىكا دېگەندەك پەنلەرگە كىرمەسلىك.
10. ھەربىر ئايەتنى مۇستەقىل تەپسىر قىلىش، مەنىسى بىر _ بىرىگە باغلىنىش بولغانلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەپسىر قىلىش، ئايەتنىڭ لەۋزىنى زۆرۈ بولۇپ قالمىغان ئەھۋالدا تەكرارلىماسلىق ۋە ھەربىر ئايەتنىڭ نومۇرىنى شۇ ئايەتنىڭ بېشىغا قويۇش.
11. تەپسىر قۇرئان بەتلىرىنىڭ ئەتراپىغا سىغقۇدەك ئىخچام بولۇشى.
12. مۇپەسسىرلەرنىڭ بۇ تەپسىرنىڭ كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىدىغانلىقىنى قەتئىي ئېسىدىن چىقارماسلىقى. شۇنىڭ ئۈچۈن تەرجىمىدە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش قىيىن بولىدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى.
بۇ تەپسىرنى تەييارلاش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان مۇپەسسىر ئۇستازلار يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەرتلەرگە تولۇق رىئايە قىلغان ھالدا ئىش كۆرۈپ بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ‹پادىشاھ فەھد قۇرئان نەشر قىلىش ئاكادېمىيەسى›دە تەشكىللەنگەن مەخسۇس كومىتېت تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ چىقىلدى. ئاندىن ‹سەئۇدى ئەرەبىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكى›گە قاراشلىق ئايرىم ئىككى كومىتېت تەرىپىدىن قاراپ چىقىلدى. ئاندىن بۇ تەپسىرنىڭ تۇنجى نۇسخىسى نەشر قىلىندى.
مەزكۇر تەپسىرنىڭ بىرىنچى نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوڭايلىقى، ئىبارىلىرىنىڭ يەڭگىل ۋە چۈشىنىشلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى ئاشۇردى ۋە ھەركىم ئۇنىڭدىن بىرنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىشقا ئالدىرىدى. ئىنسانلار قىلغان ئىشلارنىڭ خاتالىقتىن خالىي ۋە مۇكەممەل بولۇشى مۇمكىن بولمىغاندەك، بۇ تەپسىردىمۇ بەزى خاتالىقلار ۋە سەۋەنلىكلەر يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇلار ئوقۇرمەنلەردىن كەلگەن باھا ۋە ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەخسۇس تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى بۇ ئىنكاسلارنى بىر _ بىرلەپ ئوقۇپ چىقىپ، كۆرۈلگەن خاتالىقلارنى ۋە غەلەتلەرنى ئەستايىدىل تۈزىتىپ چىقتى.
تەپسىرلەردە كۆپ ئىشلىتىلىپ كەلگەن يا محمد! (ئى مۇھەممەد!) دېگەن خىتاب يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ،  يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ (ئى پەيغەمبەر!) دەپ ئۆزگەرتىلدى. پەقەت ئون بىر ئورۇندىلا ئۆز پېتى قالدۇرۇلدى. بۇ مۇشۇ ئون بىر ئورۇندىكى خىتابنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلارنىڭ تىلىدىن ھېكايە قىلىنغان خىتابلار بولغانلىقى سەۋەبتىن ئىدى» .