ئىجتىمائىي ئىشلاردىكى ئىلاھىي تەلىماتلار

ئىجتىمائىي ئىشلاردىكى ئىلاھىي تەلىماتلار

000_1
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا يَسْخَرْ قَومٌ مِنْ قَوْمٍ عَسَى أَنْ يَكُونُوا خَيْرًا مِنْهُمْ وَلَا نِسَاءٌ مِنْ نِسَاءٍ عَسَى أَنْ يَكُنَّ خَيْرًا مِنْهُنَّ وَلَا تَلْمِزُوا أَنْفُسَكُمْ وَلَا تَنَابَزُوا بِالْأَلْقَابِ بِئْسَ الِاسْمُ الْفُسُوقُ بَعْدَ الْإِيمَانِ وَمَنْ لَمْ يَتُبْ فَأُولَئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ (11) يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اجْتَنِبُوا كَثِيرًا مِنَ الظَّنِّ إِنَّ بَعْضَ الظَّنِّ إِثْمٌ وَلَا تَجَسَّسُوا وَلَا يَغْتَبْ بَعْضُكُمْ بَعْضًا أَيُحِبُّ أَحَدُكُمْ أَنْ يَأْكُلَ لَحْمَ أَخِيهِ مَيْتًا فَكَرِهْتُمُوهُ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ تَوَّابٌ رَحِيمٌ (12) يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُمْ مِنْ ذَكَرٍ وَأُنْثَى وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِنْدَ اللَّهِ أَتْقَاكُمْ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ (13)

تەرجىمىسى

11 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى قەۋم مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. ئاياللارمۇ (باشقا) ئاياللارنى مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. بىر _  بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر _  بىرىڭلارنى (يامان) لەقەملەر بىلەن چاقىرماڭلار، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن پاسىق دېگەن ئاتاققا قېلىش نېمىدېگەن يامان! كىمكى (بۇنداق ئىشلاردىن) تەۋبە قىلمايدىكەن، مۇنداقلار (ئۆزىگە ئۆزى) زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر.

12 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! (بىر _ بىرىڭلار ھەققىدە) تولا گۇمان قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. چۈنكى بەزى گۇمانلار گۇناھتۇر. بىر _ بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار، بىر _ بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامدۇ؟ مانا ئۇنىڭدىن يىرگەندىڭلار. ئاللاھتىن قورقۇڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.

13 _ ئى ئىنسانلار! شەكسىزكى، بىز سىلەرنى بىر ئەر، بىر ئايالدىن ياراتتۇق، ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق. شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىدىغىنىڭلار ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلاردۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.

تەپسىرى

﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى قەۋم مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن﴾. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە بىزنى كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىشتىن توسۇشتا بىزگە مۇئمىنلىك سۈپىتىمىز بىلەن خىتاب قىلغان ۋە بۇ سۈپىتىمىزنى بىزگە ئەسلەتكەن. بۇ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بىزگە ئۆگىتىلىۋاتقان گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئىماننىڭ تەلىپى ۋە تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى بىزگە بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. شۇڭا، ئۆلىمالار گۈزەل ئەخلاق ئىماننىڭ قولدىشىدۇر، دەيدۇ.

ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىر ئادەم  يەنە بىر ئادەمنى، بىر جامائە يەنە بىر جامائەنى، بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتنى مەسخىرە قىلمىسۇن. چۈنكى كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىش ۋە ئۇلارنى كۈلكە ئوبيېكتى قىلىۋېلىش شەيتاننى خۇش قىلىدىغان، ئادەمنى گۇناھقا ئېلىپ بارىدىغان، يامانلىققا تۈرتكە بولىدىغان، مۇئمىنلەر ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىك پەيدا قىلىدىغان ۋە ئاللاھ تائالانى غەزەپلەندۈرىدىغان رەزىللىكتۇر. مۇنداقلار رەزىللىككە پاتقان، گۈزەل ئەخلاقتىن، ئېسىل خىسلەتتىن ۋە ياخشى سۈپەتتىن نېسىۋىسى بولمىغان بەختسىزلەردۇر. بىراۋنى مەسخىرە قىلىش مەسخىرە قىلغۇچىنىڭ رەزىللىكىگە ۋە ئەخلاقىنىڭ ناچارلىقىغا دەلىلدۇر. ئاياللارنىڭمۇ بىر _ بىرىنى مەسخىرە قىلىشى توغرا ئەمەس، ئۇلارنىڭ مەيلى ئاياللارنى، مەيلى ئەرلەرنى، قانداقلا بىر ئادەمنى مەسخىرە قىلىشى قەتئىي دۇرۇس ئەمەس. بۇنداق قىلغۇچىلار دىنىمىزدا ھارام قىلىنغان بىر قەبىھ گۇناھنى سادىر قىلغان بولىدۇ. ئىنسانلار بىراۋلارنى ئۆزلىرىدىن تۆۋەن كۆرۈپ ياكى كۆزگە ئىلماي مەسخىرە قىلىغىنى بىلەن، مەسخىرە قىلىنغان ئاشۇ شەخسلەر كۆپ ھاللاردا مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئەۋزەل ۋە ياخشى بولۇپ چىقىدۇ.

﴿بىر _  بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر _  بىرىڭلارنى (يامان) لەقەملەر بىلەن چاقىرماڭلار﴾ مۇئمىنلەر بىر تەنگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر _ بىرىنى ئەيىبلىگەنلىكى خۇددى ئۆزىنى ئەيىبلىگەنلىكىگە ئوخشاشتۇر. ياكى ئايەتنىڭ مەنىسى، سەن باشقىلارنى ئەيىبلەش بىلەن ئۆزۈڭنىڭ ئەيىبلىنىشىگە سەۋەب بولىسەن، دېگەنلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ساھابىلىرىگە: «إِنَّ مِنْ أَكْبَرِ الكَبَائِرِ أَنْ يَلْعَنَ الرَّجُلُ وَالِدَيْهِ» يەنى «بىراۋنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتا _ ئانىسىنى تىللىشى چوڭ گۇناھتۇر» دېگەندە، ئۇلار: «يا رەسۇلۇللاھ! بىراۋ ئۆزىنىڭ ئاتا _ ئانىسىنى تىللامدۇ؟» دەپ سورايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: «يَسُبُّ الرَّجُلُ أَبَا الرَّجُلِ، فَيَسُبُّ أَبَاهُ، وَيَسُبُّ أُمَّهُ» يەنى «بىراۋ باشقا بىرىنىڭ ئاتىسىنى تىللايدۇ، ئۇمۇ ئۇنىڭ ئاتىسىنى تىللايدۇ، ئۇنىڭ ئانىسىنى تىللايدۇ، ئۇمۇ ئۇنىڭ ئانىسىنى تىللايدۇ»[1] دېگەن.  مۇھەددىس ئالىملار بۇ ھەدىسنى سەن بىراۋنىڭ ئاتا _ ئانىسىنى تىللىساڭ، ئۇمۇ سېنىڭ ئاتا _ ئاناڭنى تىللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆزۈڭنىڭ ئاتا _ ئانىسىنى تىللىغان بولىسەن، دەپ شەرھلىگەن.

﴿بىر _ بىرىڭلارنى (يامان لەقەملەر) بىلەن چاقىرماڭلار﴾ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئۇلار ياقتۇرىدىغان، چىرايلىق ئىسىم بىلەن چاقىرىشقا بۇيرۇغان. ئاللاھ تائالا كىشىلەرنى يامان سۆزلەرنى قىلىشتىن مەنئى قىلىشتا ئىشنى ئەڭ يامىنىدىن ۋە زىيىنى ئەڭ چوڭ بولغىنىدىن باشلاپ، ئاۋۋال مەسخىرە قىلىشتىن، ئاندىن ئەيىبلەشتىن، ئاخىرىدا يامان لەقەملەر بىلەن چاقىرىشتىن توسقان. مەسخىرە قىلىش ئەڭ چوڭ گۇناھ ۋە ئەڭ ناچار قىلمىشتۇر. ئەمما بىراۋنى ئۆز لەقىمى بىلەن چاقىرىش مەسخىرە قىلغان ۋە يامان لەقەم بىلەن چاقىرىشقا قارىغاندا گۇناھ جەھەتتىن يېنىكرەكى سانىلىدۇ. چۈنكى مەشھۇر بولۇپ قالغان لەقىمى بىلەن چاقىرىلغان كىشىلەرنىڭ تولىسى _ ناۋادا بۇ لەقەم سەت لەقەملەردىن بولمىسا _  بۇنداق چاقىرىلىشتىن رەنجىپ قالمايدۇ.

﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! (بىر _ بىرىڭلار ھەققىدە) تولا گۇمان قىلىشتىن ساقلىنىڭلار﴾ ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتلەردە، مۇسۇلمانلارنى كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىشتىن، ئەيىبلەشتىن ۋە ئۇلارنى ئۇلار ياقتۇرمايدىغان لەقەملەر بىلەن چاقىرىشتىن توسقان بولسا، بۇ ئايەتتە كۆز ئالدىدا بولمىغان كىشىلەرنىڭمۇ ھۆرمىتىنى ۋە ھەق _ ھوقۇقىنى قوغداشقا بۇيرۇغان ۋە بۇلارنى دەپسەندە قىلىشتىن توسقان. بۇ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ چوڭ ئىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1.        كىشىلەر ھەققىدە يامان ئويدا بولۇش،

2.        كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەش،

3.        كىشىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى ئېچىش.

مۇنداق سۈپەتلەر ھەقىقىي مۇئمىن كىشىلەردە تېپىلمايدۇ. چۈنكى بۇ رەزىل سۈپەتلەر ئەلۋەتتە ئىمانغا زىت كېلىدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى بۇنداق رەزىل قىلمىشلاردىن مەنئى قىلىشتا، ئۇلارغا ئۇلارنىڭ ئىمانى بىلەن نىدا قىلغان. بۇ ئىللەتلەر بىر خىل تەدرىجىيلىكنى باشتىن كەچۈرگەن بولىدۇ. مەسىلەن: يامانلىق بىراۋنى يامان گۇمان قىلىش بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئەيىب ئىزدەش، ئاندىن ئۇنىڭ ھەققىدە سۆز _ چۆچەك تارقىتىش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ئىشلار ئاخىر ئۆز ئارا دۈشمەنلىشىش، بىر _ بىرىدىن يىراقلىشىش ۋە بىر _ بىرىدىن نەپرەتلىنىش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ.

ئەگەر قەلبىڭىز ساغلام، نىيىتىڭىز دۇرۇس بولسا، بىراۋنىڭ گۇمان قوزغايدىغان ئىشلىرىنىمۇ ياخشى دەپ ئويلايسىز ۋە يامان نەتىجە چىقىرىشقا ئالدىرىمايسىز. چۈنكى ئۇ مەزكۇر گۇمانلىق ئىشنى بىلمەستىن قىلىپ قويغان بولۇشى ياكى سىز باشقىچە چۈشىنىپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ھەر ئىككى ھالەتتە ئۇنىڭ ئۆزرىسى مەقبۇلدۇر.

﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! (بىر _ بىرىڭلار ھەققىدە) تولا گۇمان قىلىشتىن ساقلىنىڭلار﴾ بۇ ئىنتايىن ئىنچىكە ۋە نازۇك بىر تەبىر بولۇپ، ئايەتتە گۇماننىڭ ھەممىسىدىن ئەمەس، بەلكى كۆپ گۇمان قىلىشتىن توسقان. دېمەك، گۇماننىڭ ھەممىسى گۇناھ ئەمەس ۋە ھەممىسى مەنئى قىلىنمايدۇ. چۈنكى بەزى گۇمانلار تەلەپ قىلىنىدۇ. مەسىلەن: جاننى ۋە مال _ مۈلۈكنى قانداقلا بىر زىيان _ زەخمەتتىن قوغداش ئىشلىرىدا ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرگەنگە، ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن دىنىي ھۆكۈملەرنى چىقىرىشتا گۇماننىڭ كۈچلۈك تەرىپىگە ئەمەل قىلغانغا، تىجارەت ۋە كەسىپ ئىشلىرىدا گۇمان ۋە تەخمىنلەرگە تايىنىپ ئىش كۆرگەنگە ئوخشاش. ئەمما مەنئى قىلىنغان گۇمان بەزى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە باشقىلار ھەققىدە پەيدا بولىدىغان سەلبىي گۇمان، خاتا چۈشەنچە ۋە يامان ئويلاردۇر. مەسىلەن: مۇنداق ئادەم بىراۋنىڭ ياخشىلىققىمۇ ۋە يامانلىققىمۇ ئېھتىمالى بولغان بىر ئىشىنى كۆرگىنىدە، ئۇنى دەرھال يامانلىق تەرەپكە ئۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يامان نەتىجە چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق يامان نەتىجە چىقىرىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەب ئۇنىڭ قارشى تەرەپكە بولغان ئۆچمەنلىكى ياكى يامان گۇمانىدۇر. بۇنى ئۇنىڭ ئىنسانلارغا بولغان خاتا چۈشەنچىسى ۋە ئادەملەرنىڭ ھەممىسى يامان ۋە گۇناھكار دەپ خىيال قىلىشى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىۋېتىدۇ. كىشىلەر ھەققىدە يامان گۇمان قىلىش ئىنسانلار ئارىسىدا ئورتاق بولۇپ قالغان بىر قەدىمىي ئىللەتتۇر. بىز ئادەتتىكى گۇمان بىلەن يامان گۇماننىڭ پەرقىنى چوقۇم ئايرىشىمىز كېرەك.

ئاللاھ تائالانىڭ ﴿بەزى گۇمانلار گۇناھتۇر﴾ دېگەن سۆزى تولىمۇ بەدىئىي، تولىمۇ ئادالەتلىك ۋە تولىمۇ مەنىلىك بىر سۆزدۇر. بەزى گۇمانلار گۇناھقا سەۋەب بولىدىغان تۇرسا، بىز نېمە ئۈچۈن كىشىلەر ھەققىدە يامان گۇمان قىلىشتىن ساقلانمايمىز؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «الحَلاَلُ بَيِّنٌ، وَالحَرَامُ بَيِّنٌ، وَبَيْنَهُمَا أُمُورٌ مُشْتَبِهَةٌ، فَمَنْ تَرَكَ مَا شُبِّهَ عَلَيْهِ مِنَ الإِثْمِ، كَانَ لِمَا اسْتَبَانَ أَتْرَكَ، وَمَنِ اجْتَرَأَ عَلَى مَا يَشُكُّ فِيهِ مِنَ الإِثْمِ، أَوْشَكَ أَنْ يُوَاقِعَ مَا اسْتَبَانَ، وَالمَعَاصِي حِمَى اللَّهِ مَنْ يَرْتَعْ حَوْلَ الحِمَى يُوشِكُ أَنْ يُوَاقِعَهُ» يەنى «ھالالمۇ ئېنىق ۋە ھاراممۇ ئېنىقتۇر. ئەمما بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۈبھىلىك نەرسىلەر بار بولۇپ، بۇلارنى كۆپ كىشىلەر بىلمەيدۇ. شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلانغان ئادەم ئۆزىنىڭ دىنىنى ۋە نومۇسىنى قوغداپ قالغان بولىدۇ. ئەمما شۈبھىلىك ئىشلارغا چۈشۈپ قالغانلار خۇددى چېگرا بويىدا قوي باققان ۋە قويلىرى چېگرادىن ئۆتۈپ كېتىشكە تاس قالغان پادىچىغا ئوخشايدۇ»([2]) دەپ كۆرسەتكەن. تاشقى ئەزالارنىڭ خاتالىقى بۇنداق بولغان يەردە، قەلبنىڭ خاتالىقى تېخىمۇ خەتەرلىك، تېخىمۇ ياماندۇر.

شۇ ئېنىقكى، مەنئى قىلىنغان گۇمان كىشىلەرگە زىيان _ زەخمەت يەتكۈزۈشكە سەۋەب بولىدىغان يامان گۇمانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ساقلىنىش ۋە ئېھتىيات قىلىشقا ئوخشايدىغان گۇمان مەنئى قىلىنمايدۇ. بەلكى مۇنداق گۇمانلار باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىك شەرتى بىلەن يوللۇق سانىلىدۇ.

﴿بىر _ بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار﴾ بۇمۇ گۇماننىڭ تەرەققىي قىلغان تۈرى ياكى ئۇنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدۇر. چۈنكى ئىنسان بىراۋ توغرۇلۇق گۇمانلىنىپ، ئۇنىڭ ئىشلىرىدىن ئۆز گۇمانىنى كۈچلەندۈرىدىغان بىرەر سەۋەب تاپالمىسا، پەقەت ئۆز گۇمانىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈنلا ئۇنىڭ ئەيىبىنى ۋە كەمچىلىكلىرىنى ئىزدەشكە كىرىشىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ياخشىلىق تەرەپلىرىنى ھەرگىز ئىزدىمەيدۇ ۋە كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدۇ. پەقەتلا ئۇنىڭ يامانلىق تەرەپلىرىنىلا ئىزدەيدۇ، ئۇنىڭ ئەيىبىنى تېپىۋالسا، دەرھال ئۇنى چوڭايتىۋېتىدۇ ۋە مۇبالىغە قىلىپ كۆرسىتىدۇ. مانا بۇ ئىمانى ئاجىز، ئەخلاقى ناچار ئادەملەرنىڭ قىلىقىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداقلارغا خىتاب قىلىپ: «يَا مَعْشَرَ مَنْ آمَنَ بِلِسَانِهِ، وَلَمْ يَدْخُلِ الْإِيمَانُ قَلْبَهُ لَا تَغْتَابُوا الْمُسْلِمِينَ، وَلَا تَتَّبِعُوا عَوْرَاتِهِمْ؛ فَإِنَّهُ مَنْ يَتَّبِعْ عَوْرَةَ أَخِيهِ يَتَّبِعِ اللَّهُ عَوْرَتَهُ حَتَّى يَفْضَحَهُ فِي بَيْتِهِ» يەنى «ئى ئاغزىدا ئىمان ئېيتقان بولسىمۇ، قەلبىگە ئىمان كىرمىگەنلەر جامائەسى! مۇسۇلمانلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار! كىمكى بىراۋنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەيدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەيدۇ، ھەتتا ئۇنى تۇرغان يېرىدىلا رەسۋا قىلىدۇ»([3]) دېگەن. ھەرقانداق بىر تەربىيەچى ياكى ئۇستاز بۇنىڭدىن ئەلۋەتتە مۇستەسنادۇر. چۈنكى ئۇلار ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن، تەربىيەلەش ئۈچۈن ئۆز تەربىيەسى ئاستىدىكىلەردىن ئەيىب ئىزدەيدۇ. ئۇلار ھەرگىز كىشىلەرنى رەسۋا قىلىش ئۈچۈن ئەيىب ئىزدىمەيدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئەيىب ئىزدىشى يوللۇقتۇر. چۈنكى بىر تەربىيەچى ئۆز مەسئۇلىيىتى ئاستىدىكىلەرنىڭ ئەيىبلىرىنى ۋە كەمچىلىكلىرىنى بايقىيالمىسا، ئۇلارغا قانداق تۈزىتىش بېرەلەيدۇ؟

﴿بىرـ بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار﴾. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى غەيۋەتنى تونۇشتۇرۇش، ئۇنىڭدىن توسۇش ۋە ئۇنىڭ يامانلىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ساھابىلەردىن: «أَتَدْرُونَ مَا الْغِيبَةُ؟» يەنى «غەيۋەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورايدۇ. ساھابىلەر: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئوبدان بىلىدۇ» دېيىشىدۇ. شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ذِكْرُكَ أَخَاكَ بِمَا يَكْرَهُ» يەنى «غەيۋەت دېگەن بىراۋ ھەققىدە ئۇ يامان كۆرىدىغان سۆزلەرنى قىلىشتۇر» دەيدۇ. ساھابىلەردىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، «بىراۋ ھەققىدە ئېيتقانلىرىم راست بولسىچۇ؟» دەپ سورايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «إِنْ كَانَ فِيهِ مَا تَقُولُ، فَقَدِ اغْتَبْتَهُ، وَإِنْ لَمْ يَكُنْ فِيهِ فَقَدْ بَهَتَّهُ» يەنى «ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتقانلىرىڭ راست بولسا، ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان بولىسەن، ناۋادا ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتقانلىرىڭ يالغان بولسا، ئۇنىڭغا قارا چاپلىغان بولىسەن»([4]) دەيدۇ.

بىراۋنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش ھەقىقەتەن ئېغىر گۇناھتۇر. غەيۋەت كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى دوستلۇقنى دۈشمەنلىككە، ئىناقلىقنى بۆلۈنۈشكە ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان، كىشىلەرنى بىر _ بىرىدىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدىغان خەتەرلىك ئىللەتتۇر. 

ئەمما غەيۋەت زۇلۇمغا ۋە ناھەقچىلىككە قارشى تۇرۇش، گۇناھ _ مەئسىيەت سادىر قىلغانلارنى ئەيىبلەپ باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش، مەھكىمىدە گۇۋاھلىق بېرىش، بىراۋنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلىرىنى باھالاش قاتارلىق ئىشلاردا چەكلەنمەيدۇ. چۈنكى بۇ ھالەتلەردە كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا بۇنداق قىلىش ئايەتتە چەكلەنگەن غەيۋەت تۈرىگە كىرمەيدۇ.

﴿سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامدۇ؟﴾ دېگەن بۇ ئايەتتە كىشىلەرنىڭ ئابرۇيى ۋە ئار _ نومۇسىغا چېقىلىشنىڭ خۇددى ئۆلۈكنىڭ گۆشىنى يېگەندەك يىرگىنىشلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشتە ئىنتايىن مۇكەممەل بىر ئوخشىتىش ئۇسلۇبى قوللىنىلغان. سورۇندا ھازىر بولمىغانلىقى ئۈچۈن رەددىيە بېرەلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ ئابرۇيىنى تۆككەن ئادەم خۇددى ئۆلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان بىرىنىڭ گۆشىنى يېگەن ئادەمگە ئوخشىتىلغان. بۇ نەپرەتلەندۈرۈش ئۇسلۇبلىرىنىڭ ئەڭ ئېسىلى سانىلىدۇ. چۈنكى ئادەم گۆشىنى يېيىش قانچىلىك يىرگىنىشلىك بولسا، ئۆلۈك بىرىنىڭ گۆشىنى يېيىش تېخىمۇ يىرگىنىشلىك ئىشتۇر. دېمەك، غەيۋەت قىلىش ئەنە شۇنداق ساغلام تەبىئەتلىك ئادەمنى يىرگەندۈرىدىغان تولىمۇ رەزىل ئىللەتتۇر.

ئايەتتە يەنە ﴿قېرىندىشىنىڭ﴾ دېگەن سۆزنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى غەيۋەتنىڭ ئادەمنى ئىنتايىن بەك يىرگەندۈرىغان سۆز ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ گۆشىنى يېيىش شۇنچىلىك بەك يىرگىنىشلىك بولغان يەردە، ئۆزىنىڭ دىنداش ياكى نەسەبتىكى قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىش تېخىمۇ يىرگىنىشلىك، تېخىمۇ سەسكىنىشلىك قىلىقتۇر، ھەتتا ئادەم گۆشىنى يەيدىغانلار ئۈچۈنمۇ ئەڭ قەبىھ ئىشتۇر.

﴿مانا ئۇنىڭدىن يىرگەندىڭلار. ئۇنداقتا، ئاللاھتىن قورقۇڭلار﴾ يەنى سىلەرنىڭ ئۆلۈكنىڭ گۆشىنى يېيىش دېگەن سۆزنى ئاڭلاش بىلەنلا ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن يىرگىنىدىغانلىقىڭلاردا شەك يوق. چۈنكى بۇ ئىنسان تەبىئىتىدۇر، ئىنسانلار بۇنداق سۆزلەردىن ئەلۋەتتە يىرگىنىدۇ. ئەگەر بىلسەڭلار، بىراۋنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ، ئۇنىڭ يۈز _ ئابرۇيىنى تۆكۈشمۇ شۇنداق يىرگىنىشلىك گۇناھتۇر. ئەمدى سىلەر بۇنى چۈشەنگەن بولساڭلار، ئاللاھ تائالادىن قورقۇڭلار، كىشىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە يولۇقۇپ قېلىشتىن ۋە ئۇنىڭ جازاسىغا ھەقلىق بولۇپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار. بىراۋ شۇنداق رەزىل ئىشنى قىلسا، سىلەر ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن يىرگىنىسىلەر ۋە نەپرەتلىنىسىلەر، ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، كۆزلەرنىڭ خىيانەتلىرىنى ۋە دىللارنىڭ يوشۇرغانلىرىنى ئېنىق بىلىپ تۇرىدىغان رەببىڭلاردىن قورقۇڭلار، بارلىق گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار. چۈنكى ئۇ تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگۈچى ۋە بەندىلىرىگە تولىمۇ شەپقەتلىك، مۇئمىنلەرگە ئالاھىدە مېھرىبان زاتتۇر.

يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمانلارغا نازىل قىلغان كۆرسەتمىلىرى بولۇپ، ھەقىقىي ئىماننىڭ يۇقىرىقىلارنى قىلماسلىقنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى ئۇلارغا بايان قىلىپ بەرگەن.

﴿ئى ئىنسانلار! شەكسىزكى، بىز سىلەرنى بىر ئەر، بىر ئايالدىن ياراتتۇق، ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق. شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىدىغىنىڭلار ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلاردۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر﴾ ئايەتتىكى ﴿ئى ئىنسانلار!﴾ دېگەن خىتابقا قارايدىغان بولساق، ئاللاھ تائالا سۆزنى بارلىق ئىنسانىيەتكە قاراتقان. چۈنكى، ئۆزىنىڭ نەسىبىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ساناش ۋە ئۆز مىللىتىنى ئاشۇرۇپ ماختاش ۋە باشقىلارنى تۆۋەن ساناش قاتارلىق ئىللەتلەر ئىنسانلار يارىتىلغاندىن بېرى ئۇلاردا بار بولۇپ كەلگەن ئىللەتلەردىن بولۇپ، بۇلار ئىنسان تەبىئىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى بۇ ئىللەتتىن توسۇشتا ئىنتايىن ھېكمەتلىك ئۇسلۇبنى قوللانغان.

ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنى ھەر خىل مىللەت، ھەر خىل رەڭلىك ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلەيدىغان قىلىپ ياراتقانلىقى ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل سەنئەتلىرىنى ۋە چەكسىز قۇدرىتىنى نامايان قىلىدىغان دەلىللەردىن بىرىدۇر. ئىنسانلارنىڭ ھەر خىل مىللەت قىلىپ يارىتىلغانلىقىنىڭ ھېكمىتى ناھايىتى كۆپتۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ بىر _ بىرى بىلەن تونۇشۇش ئارقىلىق بىر _ بىرىنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى، گۈزەل ئەخلاقىنى ۋە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك تەرەپلىرىنى ئۆگىنىدۇ، تونۇشۇش ئارقىلىق سودا قىلىشىدۇ ۋە بىر دۆلەتتە بولمىغان نەرسىلەرنى باشقا بىر دۆلەتتىن ئېلىپ كېلىپ ئىنسانلارغا يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن: بىر دۆلەتتىن چاي چىقىدۇ، يەنە بىرىدىن قەھۋە چىقىدۇ، يەنە بىرىدىن مېۋە چىقىدۇ. ئىنسانلار ئۆزئارا تونۇشۇش ئارقىلىق بىر دۆلەتتە بار نەرسىلەرنى يوق دۆلەتلەرگە ئېلىپ بارىدۇ. مۇسۇلمانلار مۇسۇلمان ئەمەس مىللەت كىشىلىرى بىلەن تونۇشۇش ئارقىلىق ئۇلارغا ئىسلام دەۋىتىنى يەتكۈزەلەيدۇ، ھېچبولمىغاندا، ئىسلامنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى ۋە ئەۋزەللىكىنى كۆرسىتەلەيدۇ.

ئى ئىنسانلار! ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئەسلىڭلار بولغان ئادەم ئەلەيھىسسالامنى تۇپراقتىن ياراتتى، سىلەر ھەممىڭلار بىر ئاتىنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. سىلەرنىڭ ئەسلىڭلار بىر، ئىلاھىڭلار بىر تۇرسا، سىلەر نېمىگە ئاساسەن بىر _ بىرىڭلاردىن ئۈستۈنلۈك تالىشىسىلەر؟ نېمىگە ئاساسلىنىپ ئۆزۈڭلارنى باشقىلاردىن ئەۋزەل سانايسىلەر؟ بىلىڭلاركى، ھەممىڭلار باراۋەر ئىنسان. سىلەرنىڭ بىر _ بىرىڭلاردىن ئارتۇقلۇقۇڭلار ۋە ئەۋزەللىكىڭلار تەقۋادارلىق بىلەنلا ئۆلچىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئىشلاردا ھەممىڭلار باراۋەرسىلەر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قانداق ئادەمنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك ئادەم ئىكەنلىكى ھەققىدە سورالغاندا، «أَتْقَاهُمْ» يەنى «ئەڭ تەقۋادار بولغىنىدۇر»[5] دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئى ئىنسانلار! ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ جۈپتى ھەۋۋا ئىككىسىدىن كۆپەيتتى، ئاندىن سىلەرنى قەبىلىلەرگە ۋە مىللەتلەرگە ئايرىدى، سىلەرنى بىر _ بىرىڭلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ھەر بىرىڭلارغا ئالاھىدە ئۆزگىچىلىك ۋە شەكىللەرنى بەردى. بۇ ئۆزگىچىلىكلەر قانداق بولۇپ ئاراڭلاردا بىر _ بىرىڭلارنى چەتكە قېقىشقا ۋە دۈشمەنلىشىشكە سەۋەب بولۇپ قالدى؟

ناۋادا بىر _ بىرىڭلاردىن ئۈستۈن بولۇش كېرەك بولسا، ئۇ پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋالىقىڭلار بىلەن بولىدۇ. شۇڭا سىلەرنىڭ بىر _ بىرىڭلاردىن ئەۋزەللىكىڭلار ۋە ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدىكى قىممىتىڭلار پەقەت ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ، گۇناھتىن يىراق تۇرۇپ تەقۋالىق قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئەگەر سىلەر ئاللاھ تائالادىن قورقىدىغان، ئۇنىڭ پەرمانلىرىنى تولۇق ئورۇندايدىغان، گۇناھ-مەئسىيەتتىن قاچىدىغان بولساڭلار، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ھۆرمەتلىك بەندىلىرى بولىسىلەر. بۇنىڭدىن باشقا بىرەر ئىشتا سىلەرنى بىر _ بىرىڭلاردىن ئەۋزەل دېگىلى بولمايدۇ. دېمەك، ئۈستۈنلۈكنىڭ ۋە ئارتۇقلۇقنىڭ ئۆلچىمى _  تەقۋالىقتۇر. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ۋە كىشىلەرنىڭ كۆزىدە ھۆرمەتلىك بولۇشنى خالىغانلار تەقۋالىق قىلىشتا بىر _ بىرى بىلەن بەسلەشسۇن، تەقۋالىققا ئالدىرىسۇن. چۈنكى ئەسقاتىدىغىنى مۇشۇدۇر.

ئىسلامدا شۇنداق بىر ئۆزگەرمەس پىرىنسىپ باركى، ئەرەبنىڭ ئەجەمدىن، ئەجەمنىڭ ئەرەبتىن، ئاق تەنلىكنىڭ قارا تەنلىكتىن، قارا تەنلىكنىڭ ئاق تەنلىكتىن ھېچقانداق ئۈستۈنلۈكى يوقتۇر. ئۈستۈنلۈك تەقۋالىق بىلەنلا بولىدۇ. تەقۋالىق دېگەن ئومۇمىي بىر پەزىلەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئىپادىسى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشتىن ساقلىنىشتا ۋە ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشتا كۆرۈلىدۇ. تەقۋالىق شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ھاياتتىكى دىن ۋە دۇنيالىق مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ ئادا قىلىش دېگەنلىكتۇر. دېمەك، تەقۋالىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك خاتىرجەملىكنىڭ ۋە جىمى ياخشىلىقنىڭ تۈرتكىسىدۇر. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ناھايىتى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. ئاخىرەتتە ئۇلارغا شۇنىڭغا ئاساسەن مۇكاپات ياكى جازا بېرىدۇ.

مۇھىم نۇقتىلىرى

 كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىش ۋە ئۇلارغا لەقەملەرنى قويۇش ئىسلام ئەخلاقىغا زىت كېلىدىغان ناچار قىلىقلار بولۇپ، دىنىمىزدا قەتئىي چەكلىنىدۇ، بۇنداق قىلغۇچىلار ئېغىر گۇناھكار بولىدۇ.

1.        كىشىلەر ھەققىدە يامان گۇمان قىلىش ناچار ئەخلاق قارارىدىن سانىلىدۇ.

2.        غەيۋەت قىلىش، گەپ توشۇش ۋە كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەش ئېغىر گۇناھتۇر.

3.        نەسەب بىلەن پەخىرلىنىش جاھىلىيەتنىڭ ئادەتلىرىدىن بولۇپ، مۇسۇلمان ئادەم ئىسلام بىلەن پەخىرلىنىدۇ.

4.        ئەڭ چوڭ شەرەپ ۋە ئەڭ كاتتا ھۆرمەت تەقۋالىقتىدۇر.[1] «صحيح البخاري» 8-توم، 3-بەت، 5973-ھەدىس.
([2])«صحيح البخاري» 3-توم، 53-بەت، 2051-ھەدىس، «صحيح مسلم» 3-توم، 1219-بەت، 1599-ھەدىس.
([3]) «مسند أحمد» 33-توم، 40-بەت،19801-ھەدىس، «سنن أبي داود» 4-توم، 270-بەت، 4880-ھەدىس.
([4]) «صحيح مسلم» 4-توم، 2001-بەت، 2589-ھەدىس.
[5] «صحيح مسلم» 4-توم، 1846-بەت، 2378-ھەدىس.