ھەسەت ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشنىڭ چارىسى

ھەسەت ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشنىڭ چارىسى
مۇھەممەد يۈسۈپ

ھەسەت — باشقىلارنىڭ ئىلكىدە بولغاننىڭ يوق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىش دېگەنلىك بولۇپ، ھەسەتخورلۇق ئۆچ _ ئاداۋەتتىنمۇ كۈچلۈك بولغان ئىنتايىن قەبىھ روھىي ھالەتتۇر. ئۇ قەلبنىڭ زەئىپلەشكەنلىكىنىڭ، ئەخلاقنىڭ نۆلگە چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ ۋە ئېتىقادسىزلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. ھەسەتخور ئادەم باشقىلارنىڭ مال– مۈلۈك، ھوقۇق – مەنسەپ، ئىلىم – ھېكمەت قاتارلىق دىنىي ۋە دۇنياۋى نېمەتلىرىنىڭ يوقۇلۇشىنى ئويلاپ قىزىلكۆزلۈك قىلىدۇ. جەمئىيەتتىكى بەزى كىشىلەر بۇ دۇنيادىن ئىبارەت قىسقىغىنا ھاياتلىق سەھنىسىدە بىلىپ – بىلمەي بۇ خىل رەزىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. دوست بۇرادەرلىرى، قۇلۇن – قوشنىلىرى، ھەتتا قېرىنداشلىرىنىڭمۇ ئازغىنە مال – مۈلۈكىگە، كىچىككىنە ھوقۇق – مەنسىپىگە ھەسەت قىلىشىدۇ. مۇنداقلار باشقىلارنىڭ شادلىقىدىن غەمكىن بولىدۇ، ئەلەم تارتىدۇ. ئۇلارنىڭ راھىتىدىن زەخمەت چېكىدۇ.

1.       ھەسەت ئىبلىسنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن قوغلىنىپ تا قىيامەتكىچە لەنەتكەردىگە ئايلىنىشىغا سەۋەب بولغان. چۈنكى ئىبلىس ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ھەسەت قىلغانلىقتىن، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا سەجدە قىل دېگەن ئەمرىگە قارشى چىققان. «ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئۇ (سەجدە قىلغىلى) ئۇنىمىدى، تەكەببۇرلۇق قىلدى ۋە كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى»[1].

2.       ھەسەت يەر يۈزىدە تۇنجى قاتىللىق دېلوسىنىڭ سادىر بولۇشىغا سەۋەب بولغان. «(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارغا ئادەمنىڭ (ھابىل ۋە قابىل) ئىككى ئوغلىنىڭ قىسسىسىنى ئەينەن بايان قىلىپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئىككىيلەن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرى (يەنى ھابىل)نىڭ قوبۇل بولدى، يەنە بىرى (يەنى قابىل)نىڭ قوبۇل بولمىدى. (قابىل ھابىلغا): «مەن سېنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن» دېۋىدى، (ھابىل) ئېيتتى: «ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭكىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قولۇڭنى سوزۇدىغان بولساڭ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قولۇمنى سوزغۇچى ئەمەسمەن. چۈنكى مەن ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھتىن قورقىمەن. مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ مېنىڭ گۇناھىمنى ۋە ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىنى ئۈستۈڭگە ئېلىپ دوزاخ ئەھلىدىن بولۇشۇڭنى تىلەيمەن، زالىملارنىڭ جازاسى شۇدۇر». ئۇ (قابىل)نىڭ نەپسى خاھىشى ئۇنى قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈشكە قۇتراتتى _ دە، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى»[2].

3.       ھەسەت يەھۇدىيلار بىلەن خىرىستىيانلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلماسلىقىغا سەۋەب بولغان. چۈنكى ئۇلار ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، پەيغەمبەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدە تۆۋەن سانىلىدىغان ئەرەبلەردىن چىققانلىقىنى قوبۇل قىلالمىغان. «بىز كىتاب بەرگەنلەر ئۇنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) خۇددى ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ. ئۆزىگە زىيان سالغۇچىلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمايدۇ»[3]، «ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىگە ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ئىچ _ ئىچىدىن ھەسەت قىلىپ، سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كاپىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ»[4].

4.       ھەسەت ئۆز ۋاقتىدىكى قۇرەيش كاتتىباشلىرىنىڭ ئىمان ئېيتماسلىقىغا سەۋەب بولغان. ئۆز ۋاقتىدا قۇرەيش كاتتىباشلىرىدىن بىرى مۇنداق دېگەن: «مۇھەممەدنىڭ دىنى ھەقتۇر. ئەمما بىز مەخزۇم ئايمىقى ئابدۇماناپ ئايمىقى بىلەن ياخشى ئىشلاردا بەسلىشىپ كېلىۋاتىمىز، ئۇلار كەئبىگە خىزمەت قىلسا بىزمۇ قىلدۇق، ئۇلار ھەرەمنىڭ زىيارەتچىلىرىگە تائام ۋە سۇ بەرسە بىزمۇ بەردۇق. ئەمدى كېلىپ، ئۇلاردىن پەيغەمبەر چىقسا، بىزدىن چىقمىسا، بىز بۇنىڭغا قانداق تاقەت قىلىپ تۇرالايمىز؟ شۇڭا بىزنىڭ ئۇلاردىن چىققان پەيغەمبەرگە قارشى تۇرۇشتىن باشقا يولىمىز يوقتۇر».

5.       ھەسەت كاپىرلارنىڭ كاپىرلىقىنى ئاشۇرۇۋەتكەن بولۇپ، مۇسۇلمانلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىدىن ئۇلارنىڭ كاپىر بولۇشىنى تىلەيدىغان دەرىجىگە يەتكەن. ئاللاھ تائالا كاپىرلار ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇلار سىلەرنىڭ ئۆزلىرىدەك كاپىر بولۇشۇڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىگە ئوخشاش بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ»[5].

6.       ھەسەت زامانىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن توسۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئۆرنەكلىرى ئىنتايىن كۆپ. ئۆزلىرىنى ئىسلامغا مەنسۇپ قىلىۋالغانلار ئارىسىدىكى بەزى ئىچى تار كىشىلەر  ئۆزلىرىنىڭمۇ باشقىلاردەك نەتىجىلىك، پەزىلەتلىك ۋە گۈزەل ئەخلاقلىق بولالمىغانلىقىغا ئاچچىقلىنىپ، نەتىجىلىك، گۈزەل ئەخلاقلىك ۋە پەزىلەتلىك كىشىلەرگە ھەسەت قىلىدۇ، دۈشمەن بولىدۇ، ئۇلارنى ئۆچ كۆرىدۇ، ئۇلارنى كىشىلەرگە يامان كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ھەر خىل ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىدۇ.

7.       ھەسەت نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، دىلىنى پاكلىشىغا، گۈزەل ئەخلاق بىلەن زىننەتلىنىشىگە ۋە ئىلىم - ھېكمەت ئۆگىنىشىگە توسالغۇ بولۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭ زامانىمىزدىكى ئۆرنەكلىرى ئىنتايىن كۆپ. مەسىلەن: بەزى كىشىلەر ئۆزى ئۆچ كۆرىدىغان ياكى ئۆزى بىلەن بىلىم سەۋىيەسى تەڭ بولغان ۋە ياكى يۇقىرى بولغان كىشىلەرگە ھەسەت قىلغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئىلىم-مەرىپەت سورۇنلىرىنى ياقتۇرمايدۇ، ۋەز-نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىمايدۇ، يازمىلىرىنى ئوقۇمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ھەسەتخورلۇقىدىن نۇرغۇنلىغان ياخشىلىقلاردىن، ئىلىم-مەرىپەتتىن مەھرۇم قالىدۇ. بۇ كېسەل ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە ساھە كىشىلىرىدە ئورتاقلاشقان نىجىس كېسەلدۇر. ئەپسۇسكى، بۇ كېسەل ئىلىم تالىبلىرى ۋە بەزى ئۆلىمالىرىمىز ئارىسىدىمۇ بار.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆزئارا دۈشمەنلەشمەڭلار، بىر – بىرىڭلارغا ھەسەت قىلىشماڭلار، بىر-بىرىڭلاردىن يۈز ئۆرۈشمەڭلار، تۇغقانچىلىق ھەققىنى تەرك ئەتمەڭلار، ئۆزئارا قېرىنداشلاردىن بولۇپ ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىدىن بولۇڭلار»([6]) دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «ھەسەتتىن ساقلىنىڭلار، ھەسەتخورلۇق خۇددى ئوت ئوتۇننى يېگەندەك ياخشى ئەمەللەرنى يەپ كېتىدۇ»([7]) دېگەن.

ھەسەتخور ئاللاھ تائالانىڭ تەقسىماتىغا رازى بولمىغان ۋە ئىلاھىي ھېكمەتكە قارشى چىققان كىشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «رەببىڭنىڭ رەھمىتىنى ئۇلار تەقسىم قىلىپ بېرەمدىكەن؟ ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيا ھاياتىدىكى رىزقىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىز تەقسىم قىلدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى ئىشقا سالسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى بەزىسىنىڭكىدىن ئۈستۈن قىلدۇق»[8].

ئۆلىمالار ۋە پەيلاسوپلار ھەسەتنى «بەختسىزلىكنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر» دەپ تەرىپلەيدۇ. مەلۇمكى، ھەسەتنىڭ زىيىنى ھەسەت قىلغۇچى بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ، بەلكى باشقىلارغىمۇ يېتىدۇ. ھەسەتخور ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزى تىتىپ يەپ، ئازاب بىلەن ياشايدۇ، باشقىلارنىمۇ راھەتسىز قىلىدۇ. ئىچىدىكى ھەسەت كۈچىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ھەمىشە ئاغزىنى بۇزىدۇ، ھاقارەت قىلىدۇ، ئاچچىقىنى باشقىلاردىن چىقىرىشقا تىرىشىدۇ. شۇڭا، ھەسەتخورنى ئەڭ بەختسىز ئادەم دېيىشكە بولىدۇ.

ھەسەتكە مۇپتىلا بولغانلار ئەقلىنى يوقىتىپ قويىدۇ، ئۇلار باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەشكىمۇ رازى بولىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر پادىشاھنىڭ ئىككى ۋەزىرى بار بولۇپ، ئۇلار بىر-بىرىگە قاتتىق ھەسەت قىلىشىدىكەن. پادىشاھ بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئوڭشاپ قوياي دەپ، ئۇلارنى چاقىرتىپتۇ ۋە دەپتۇ: «ئىككىڭلارنىڭ بىرىڭلار ئۆزىگە نېمە تىلىسە، مەن يەنە بىرىڭلارغا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىسىنى بېرىمەن». ئۇلاردىن بىرى ئۆزىنىڭ بىر كۆزىنى قۇربان قىلىپ بولسىمۇ رەقىبىنىڭ ئىككى كۆزىنى ئەما قىلىپ قويۇش ئۈچۈن، «پادىشاھىم! مېنىڭ بىر كۆزۈمنى قۇيۇۋەتكەيلا» دەپتۇ.

ئۈچ ئادەم بىر شەھەردىن ئايرىلىشنى قارار قىلىپ ئەينى ۋاقىتتا يولغا چىقىپ يولدا ئۇچرىشىپ قاپتۇ. ئۇلار ئۆزئارا تونۇشقاندىن كېيىن، مەلۇم بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ شەھەردىكى كىشىلەرنىڭ ئېسىللىكى ۋە ياخشىلىقىغا ھەسەت قىلىپ چىداپ تۇرالماي، مەزكۇر شەھەردىن ئايرىلغان كىشىلەر ئىكەن. ئۇلار يولدا كېتىپ بارغىنىدا بىر كومزەك ئالتۇن تېپىۋاپتۇ. ئۇنى ھەربىرى ئۆزى ئالماقچى بولۇپ، تەڭدىن بۆلۈشۈشكە ياكى باشقا تەكلىپلەرگە قەتئىي كۈنمەپتۇ. ئاخىر ئۇلار ئۆزئارا جېدەللىشىپ ئۇرۇشۇپ قاپتۇ. شۇ جايغا يېقىن بىر يەرگە شىكارغا چىققان بىر ھاكىمنىڭ ئادەملىرى ئۇرۇشۇۋاتقان بۇ ئادەملەرنىڭ ئەھۋالىنى ھاكىمغا بىلدۈرۈپتۇ. ھاكىم ئۇلارنى چاقىرتىپ كېلىپ ئەھۋالنى تولۇق ئۇقۇپتۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەربىرىدىن ئۆزىنىڭ قايسى دەرىجىدە ھەسەتخور ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپتۇ. تەلەپكە ئاساسەن، مەزكۇر ھەسەتخورلاردىن بىرى دەپتۇ:

—    مېنىڭ ھېچكىمگە قىلچە ياردەم قىلغۇم كەلمەيدۇ.

—    بىراۋغا ياردەم قىلغان ئادەمنى كۆرسەم قاتتىق ئاچچىقىم كېلىپ كېتىدۇ، دەپتۇ ئىككىنچىسى. ئاندىن ئۈچىنچىسى سۆز باشلاپ دەپتۇكى،

—    مەن ماڭا ياخشىلىق قىلغان ئادەمنى كۆسەم ئۇنىڭدىكى بۇ گۈزەل ئەخلاققا قاتتىق ھەسەت قىلىپ ئۇ ئادەمنى بەك يامان كۆرۈپ كېتىمەن.

پادىشاھ ھەممىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شۇنداق پەرمان چۈشۈرۈپتۇ:

بۇ ئىنسانلارغا ياشاش ھارامدۇر! بىرىنچىسىنى كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋېلىپ چۆلگە ئاپىرىپ تاشلىۋېتىڭلار، شۇ يەردە يىرتقۇچلارغا يەم بولسۇن. ئىككىنچىسىنى بىلىگە تاش باغلاپ دەرغا تاشلىۋېتىڭلار، شۇ يەردە ئۆلسۇن. ئۈچىنچىسى بوينىدىن ئېسىپ ئۆلتۈرۈڭلار.

ھەسەتخورنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟

دىنىمىزدا ھەرقانداق بىر قىيىنچىلىقنىڭ بىر چوىقىش يولى بولغىنىدەك، ئىنساننىڭ بېشىغا كېلىدىغان ھەرقانداق دەردنىڭ داۋاسى بار. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھەسەتتىن، سېھىردىن ۋە يامان كۆزلەردىن ساقلىنىشى ئۈچۈن مۇنۇ ئىككى سۈرىنى ئۆگەتكەن: ]قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ الْفَلَقِ. مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ . وَمِنْ شَرِّ غَاسِقٍ إِذَا وَقَبَ. وَمِنْ شَرِّ النَّفَّاثَاتِ فِي الْعُقَدِ .وَمِنْ شَرِّ حَاسِدٍ إِذَا حَسَدَ[ «(ئى پەيغەمبەر! سەن) ‹ئىنسانلارنىڭ رەببى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (بولغان ئاللاھ)غا سىغىنىپ، كىشىلەر (غەپلەتتە قالغاندا، ئۇلار)نىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلىدىغان، (ئۇلار ئاللاھ بىلەن بولغاندا) يوقىلىدىغان جىن شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن› دېگىن»، ]قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ النَّاسِ . مَلِكِ النَّاسِ. إِلَهِ النَّاسِ . مِنْ شَرِّ الْوَسْوَاسِ الْخَنَّاسِ. الَّذِي يُوَسْوِسُ فِي صُدُورِ النَّاسِ . مِنَ الْجِنَّةِ وَالنَّاسِ[ (ئى پەيغەمبەر! سەن) ‹مەخلۇقاتنىڭ يامانلىقىدىن، قاراڭغۇلۇققا تولغان كېچىنىڭ يامانلىقىدىن، چېگىكلەرگە دەم سالىدىغان سېھىرگەرلەرنىڭ يامانلىقىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى يامانلىقىدىن سۈبھىنىڭ رەببىگە سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن› دېگىن». ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان بىر سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر ئاخشىمى بۇ ئىككى سۈرىنى ئوقۇپ، ئىككى ئالىقىنىغا سۈپلەپ بەدىنىنىڭ قولى يەتكەن جايلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىلاپ چىقىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى،«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەۋرىلىرى ھەسەن بىلەن ھۈسەينلەرگە ‹أَعُوذُ بِكَلِمَاتِ اللَّهِ التَّامَّةِ مِنْ كُلِّ شَيْطَانٍ وَهَامَّةٍ وَمِنْ كُلِّ عَيْنٍ لامَّةٍ›يەنى‹ئاللاھنىڭ مۇكەممەل كەلىمىلىرىگە سىغىنىپ، ھەربىر شەيتاندىن، ھەربىر زىيانلىق نەرسىدىن ۋە ھەربىر يامان كۆزدىن پاناھ تىلەيمەن› دەپ دەم سالاتتى».

[1] بەقەرە سۈرىسى:34-ئايەت.
[2] مائىدە سۈرىسى: 28-30- ئايەتلەر.
[3] ئەنئام سۈرىسى: 20- ئايەت.
[4] بەقەرە سۈرىسى: 109- ئايەت.
[5] نىسا سۈرىسى:80- ئايەت.
([6]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([7]) ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى .
[8] زۇخرۇف سۈرىسى: 32- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار