روھ ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى

روھ ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى
مۇھەممەد يۈسۈپ

روھنىڭ ماھىيىتىنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەن: ﴿وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الرُّوْحِ قُلِ الرُّوْحُ مِنْ أَمْرِ رَبِّيْ﴾ يەنى ﴿ئۇلار سەندىن روھ ھەققىدە سورىشىدۇ. دېگىنكى‹‹روھ (نىڭ ماھىيىتىنى بىلىش) رەببىمنىڭ ئىشىدۇر››﴾ ([1])

روھ دېگەن سۆز قۇرئان كەرىمدە 23 ئورۇندا كەلگەن بولۇپ، ھايات، پەرىشتە، قۇرئان، جىبرىل، نۇسرەت، رەھمەت، ئىلاھىي قۇدرەت دېگەندەك كۆپ مەنىلەردە كەلگەن.

وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الرُّوحِ ۖ قُلِ الرُّوحُ مِنْ أَمْرِ رَبِّي يەنى «ئۇلار سەندىن روھ ھەققىدە سورىشىدۇ. دېگىنكى‹‹روھ رەببىمنىڭ (ئەقىل يەتمەيدىغان) ئىشلىرىدىندۇر» دېگەن ئايەتتە جان، ھاياتلىق دېگەن مەنىدە كەلگەن.

يَوْمَ يَقُومُ الرُّوحُ وَالْمَلَائِكَةُ صَفًّا يەنى «قىيامەت كۈنى جىبرىل ۋە پەرىشتىلەر سەپ-سەپ بولۇپ تۇرىدۇ» دېگەن ئايەتتە جىبرىل روھ دەپ ئاتالغان.

وَكَذَٰلِكَ أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ رُوحًا مِّنْ أَمْرِنَا يەنى «(ئى پەيغەمبەر!) شۇنىڭدەك (يەنى سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى قىلغىنىمزدەك) ساڭىمۇ ئەمرىمىز بىلەن قۇرئاننى ۋەھيى قىلدۇق» دېگەن ئايەتتە ۋەھيى ۋە قۇرئان دېگەن مەنىدە كەلگەن.

وَأَيَّدَهُم بِرُوحٍ مِّنْهُ يەنى « ئۆز دەرگاھىدىن بولغان مەدەت بىلەن ئۇلارنى كۈچلەندۈردى» دېگەن ئايەتتە مەدەت ۋە نۇسرەت دېگەن مەنىدە كەلگەن.

وَلَا تَيْأَسُوا مِن رَّوْحِ اللَّـهِ يەنى «ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىز بولماڭلار» دەگەن ئايەتتە رەھمەت مەنىسىدە كەلگەن.

فَإِذَا سَوَّيْتُهُ وَنَفَخْتُ فِيهِ مِن رُّوحِي يەنى «مەن ئۇنى تولۇق ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا روھىمدىن پۈۋلىگەن (يەنى جان كىرگۈزگەن) چاغدا » دېگەن ئايەتتە ئىلاھىي قۇدرەت مەنىسىدە كەلگەن.

ئىنسانلار گەرچە روھنىڭ ماھىيىتىنى بىلمىسىمۇ، روھنىڭ ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلىدۇ. روھنى ئۆزىنى كۆرگىلى ياكى قىياس قىلغىلى بولمايدىغان، پەقەت نەتىجىسىنىلا كۆرگىلى بولىدىغان ھاۋا دولقۇنلىرىغا، ياكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. چۈنكى ۋۇجۇدىمىزدىكى ھۈجەيرىلەرنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان نەرسە شۇ روھتۇر. روھنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى ۋۇجۇدنى ھەرىكەتلەندۈرۈش بولۇپ، ھۇجەيرىلەردىن تەركىب تاپقان بۇ ماددىي ۋۇجۇدتا روھنىڭ بولۇشى ھۈجەيرىلەرنى ھەرىكەتچان، ئۆسىدىغان ۋە ياشايدىغان قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. چۈنكى روھ ئاللاھ تائالا يەر يۈزىدىكى جانلىقلارغا تارقىتىۋەتكەن ئېنېرگىيە بولۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ھەرىكەتلىنىش، كۆپىيىش ۋە بۆلۈنۈش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.([2])

بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزدىمۇ بىراۋنىڭ بىردىنلا پائالىيەتچان بولۇپ كەتكەنلىكىنى «روھلىنىپ كەتتى» دەيمىز. ۋەز _ نەسىھەت، ياكى تەسىرلىك شېئىر، ياكى بىرەر سۆزنى ئاڭلاپ، ياكى كىتاب ئوقۇپ تەسىرلەنگەن كىشىنى «روھىي ئوزۇق ئالدى» دەيمىز. بۇ ئىپادىلەرنىڭ ھەممىسى روھنىڭ قوزغاتقۇچ كۈچ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

قىسقىسى، روھ ئىنسان ۋۇجۇدىدا ماشىنىنىڭ ماتورىغا ئوخشىسا، نەپس ماشىنىنىڭ رولىغا ئوخشايدۇ. نەپس ۋۇجۇدنى ئۇنىڭدىكى روھ بىلەن بىرگە يا ئامانلىققا، ياكى ھالاكەتكە باشلاپ مېڭىش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا «قۇرئان كەرىم»دە نەپسنى «يامانلىققا باشلىغۇچى» دەپ سۈپەتلىگەن: ﴿إِنَّ النَّفْسَ لَأَمَّارَةٌ بِالسُّوْءِ إِلاَّ مَا رَحِمَ رَبِّيْ﴾ يەنى ﴿نەپس ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ. پەقەت رەببىم رەھىم قىلغان ئادەملا بۇنىڭدىن مۇستەسنا.﴾([3])  

ئەرەب تىلىدا «روح» سۆزى بىلەن«نفس» سۆزى گاھ  ئىككىسى بىر مەنىدە، گاھ بىر _ بىرىگە يېقىن مەنىدە قوللىنىلىدۇ. بىزنىڭ تىلىمىزدىكى «جان» سۆزىنى ئەرەبلەر «روھ» ياكى« نەپس» دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئىككى سوز كۆپ ھاللاردا  ئوخشاش مەنىدە قوللىنىلسىمۇ، گاھىدا پەرقلىق مەنىلەردە كېلىدۇ. مەسىلەن: «نفس» يەنە «ئۆز» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق «روح» بۇ مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. بىراۋ ئۆلسە، ئۇنىڭ جېنى چىقتى، دېگەننى «فاضت روحه» ياكى «خرجت روحه» دەپ ئىپادىلەيدۇ، ئەرەبلەر بىرەر قېتىم بولسىمۇ «فاضت نفسه» ياكى «خرجت نفسه» يەنى «نەپسى چىقىپ كەتتى» دېمەيدۇ. شۇڭا روھنى __ قوزغاتقۇچى كۈچ، ياكى ئېنېرگىيە دېيىش ئەڭ لايىق بولسا كېرەك.

شۇڭا ئىسلام مەنبەلىرىدە كەلگەن «تزكية النفس» يەنى «نەپسنى پاكلاش» دېگەن ئىبارىنى «روھنى پاكلاش» دەپ تەرجىمە قىلىش توغرا بولمىسا كېرەك. چۈنكى روھ ئۆزى پاك نەرسە، ئۇنى پاكلاشقا ھاجەت يوق. پاكلاشقا تېگىشلىك نەرسە نەپستۇر. چۈنكى نەپس ئادەمنى يامان ئىشلارغا ئۈندەيدۇ، ھەتتا باشلاپ ماڭىدۇ. ئەمما روھ ئادەمنى ھەرىكەتكە سېلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ، ئۇنى باشلىيالمايدۇ.

خۇلاسە قىلغاندا، ئاللاھ تائالا ئىنسانغا روھ بىلەن نەپسنى ئاتا قىلغان بولۇپ، ئىنساننىڭ روھى ئۇنىڭدىكى ئىچكى گۈزەللىكلەرگە، ئۇنىڭ نەپسى كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭدىكى يامانلىقلارغا  ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئىنساندىكى ئەقىل، ساغلام پىكىر، ئار _ نومۇس، سېخىيلىق، ۋاپادارلىق ۋە بارچە گۈزەل ئەخلاق ئۇنىڭدىكى روھىي گۈزەللىكنىڭ ئىپادىسى بولغىنىدەك، ئىنساننىڭ شەھۋانىيلىقى، شەخسىيەتچىلىكى، ئازغۇنلۇقى، ئەقىلسىزلىكى، غەزەپ _ نەپرىتى ئۇنىڭدىكى نەپس _ خاھىشنىڭ ئىپادىسىدۇر.
([1]) 17- سۈرە ئىسرا 85- ئايەت
([2]) مۇتەپەككۇر ئالىم ئابدۇراھمان ھەبەننەكە مەيدانىينىڭ «الأخلاق الإسلامية» يەنى( ئىسلام ئەخلاقى) ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.
([3]) 12- سۈرە يۇسۇف 53- ئايەت


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار