رامىزانغا قانداق تەييارلىق قىلىش كېرەك؟

رامىزانغا قانداق تەييارلىق قىلىش كېرەك؟

مۇھەممەد يۈسۈپ

رامىزان ئېيى ئۆزىمىزنى تەربىيەلەش، گۇناھلىرىمىزدىن پاكلىنىش، ساۋابىمىزنى ئاشۇرۇش پەيتىمىز بولۇپ، بۇ ئايغا ئالىي ھىممەت ۋە ياخشى نىيەت بىلەن كىرىش ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن زۆرۈردۇر.

رامىزانغا تەييارلىق قىلىش دېيىلگەن ھامان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەقلىگە ئىسلام دۇنياسىدا ئومۇملىشىپ قالغان يېمەك-ئىچمەك توپلاش، كېچىدە ئۇخلىماي كۈندۈزى قانغۇچە ئۇخلىۋېلىش كېلىدۇ. بۇ توغرا ئەمەس. چۈنكى رامىزان ئېيى يېيىش-ئىچىش ۋە ئۇخلاش ئېيى ئەمەس، بەلكى نەپسىمىزنى ئاچ قويۇپ، روھىمىزنى تويغۇزىدىغان، ھورۇنلۇقنى يېڭىپ، ئىرادىمىزنى كۈچەيتىدىغان ئايدۇر.

شۇڭا رامىزانغا تەييارلىنىشتا تۆۋەندىكىلەرگە رىئايە قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ:

1.     ھازىردىن باشلاپ يالغان ئېيتىش، ۋەدىسىدە تۇرماسلىق، نامازنى قازا قىلىش، ۋەزىپىنى ۋاقتىدا ئورۇندىماسلىق دېگەندەك گۇناھلاردىن يىراق تۇرۇش.

2.     روزىنىڭ ئەھكاملىرىنى ۋە رامىزاندا قىلىشقا تېگىشلىك ئىبادەتلەرنى پەرزەنتلىرىمىز بىلەن بىللە قايتىدىن ئۆگىنىش.

3.     رامىزاندا قىلىدىغان ساۋابلىق ئەمەللەرنى پىلانلاش.

4.     ھازىردىن باشلاپ ئاساسلىق ئىبادەتنى قۇرئان ئوقۇش ۋە ئۇنىڭ تەپسىرىنى ئۆگىنىشكە مەركەزلەشتۇرۈش.

5.     ئاخشىمى بۇرۇن ئۇخلاپ سەھەر تۇرۇشقا ئۆزىمىزنى كۆندۈرۈش.

6.     ئاز يېيىش، ئاز ئۇخلاش، كۆپ ئىبادەت، كۆپ كىتاب ئوقۇش، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكۈزۈش.

7.     رامىزانغا يېمەك-ئىچمەك توپلاش بىلەن ئەمەس، بەلكى بارچە گۇناھلاردىن پاكلىنىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋە قازىنىشقا بولغان كۈچلۈك ئىرادە ۋە ئالىي ھىممەت بىلەن كىرىش.

8.     ھازىردىن باشلاپ چوڭ –كىچىك بارلىق گۇناھلار ئۈچۈن تەۋبە قىلىش ۋە رامىزانغا گۇناھتىن پاك بولغان ھالدا كىرىش.

9.     ئۈستىمىزدە قالغان قازا روزىلار بولسا تۇتۇپ، رامىزانغا قەرزدىن خالىي بولغان ھالدا كىرىش.

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار