ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن ئۈمىدسىزلەنمەيلى!

ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن ئۈمىدسىزلەنمەيلى!

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەربىر مۇسۇلماننى غەمكىن قىلماي قالمايدۇ. ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۈندىلىك خەۋەرلىرى ئۆلۈم، پارتلاش، يارىلىنىش، ئېزىلىش، بوزەك قىلىنىش، خارلىنىش قاتارلىق ئېچىنىشلىق خەۋەرلەر بىلەن تولماقتا. مۇسۇلمانلار بىر تەرەپتىن ئۆز ئىچىدىكى غەۋغالار بىلەن قان تۆكۈشسە، يەنە بىر تەرەپتىن كاپىرلارنىڭ زۇلمى، خارلاشلىرى، ئېزىشلىرى ۋە مۇسۇلمان بولۇپ ياشاش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان رەزىل سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن تارىختا كۆرۈلمىگەن بەختسىزلىكلەرگە ئۇچرىماقتا. لېكىن مۇئمىن ئادەم ئۈمىدسىز بولمايدۇ. چۈنكى ئۈمىدسىزلىك كۇفرىنىڭ قولدىشىدۇر. )وَلَا تَيْئَسُوا مِنْ رَوْحِ اللَّهِ إِنَّهُ لَا يَيْئَسُ مِنْ رَوْحِ اللَّهِ إِلَّا الْقَوْمُ الْكَافِرُونَ( يەنى«ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. چۈنكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن پەقەت كاپىر قەۋملا ئۈمىدسىزلىنىدۇ»دېگەن[1].

 بۇ ئەھۋال ھەربىر مۇسۇلماننى ئويلىنىشقا، چىقىش يولى ئىزدەشكە ۋە «زادى خاتالىق نەدە؟ بىز نەدە كەتكۈزۈپ قويدۇق؟» دېگەن سوئال ئۈستىدە باشقا قاتۇرۇشقا قىستايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا نۇسرەت بېرىشنى، ئۇلارنى ئەزىز قىلىشنى ۋە ئۇلارنى ياخشى ياشىتىشنى ۋەدە قىلغان. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە: )مَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَى وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَنُحْيِيَنَّهُ حَيَاةً طَيِّبَةً( يەنى «ئەر _ ئايال مۇئمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە ئوبدان ياشىتىمىز»[2] دېگەن. يەنە: )إِنَّا لَنَنْصُرُ رُسُلَنَا وَالَّذِينَ آَمَنُوا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَيَوْمَ يَقُومُ الْأَشْهَادُ( يەنى «شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبەلىرىمىزگە، مۇئمىنلەرگە ھەم دۇنيا ھاياتىدا ھەم گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان كۈندە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز»دېگەن[3]. يەنە: )وَكَانَ حَقًّا عَلَيْنَا نَصْرُ الْمُؤْمِنِينَ( يەنى «مۆمىنلەرگە ياردەم قىلىش بىزگە تېگىشلىكتۇر»[4] دېگەن. 

يۇقىرىقى ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىن بەندىلىرىگە بەرگەن ۋەدىسىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىدا شەك يوق. چۈنكى ئاللاھ تائالا ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا بىزگە بۇنىمۇ بىلدۇرۇپ:«ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ»[5] دېگەن.  ئەمدى بۇ ۋەدىلەر ئەمەلگە ئاشتىمۇ؟ دېگەن سوئالغا كەلسەك، دەيمىزكى، بۇ ۋەدىلەر ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشقان. بۇنىڭغا دەلىل كەلتۈرۈش ھاجەتسىز. چۈنكى ھەركىم بىلىدۇكى، مۇسۇلمانلار دەسلەپتە خۇددى ھازىرقىدەك ئاجىز، چارىسىز ئىدى. پەيغەمبىرىمىز دەسلەپتە بۇ دىننى تۆت كىشى بىلەن دەۋەت قىلىشقا باشلىغان. بۇ چاغلاردا كاپىرلا مۇسۇلمانلارنى ئىماندىن ياندۇرۇش ئۈچۈن زۇلۇملارنى سالغان ۋە ئۇلارنى ئادەم تاقەت قىلالىغۇسىز دەرىجىدە قىينىغان، نۇرغۇنلىرىنى قىيناپ ئولتۈرۈۋەتكەن. ھەزرىتى بىلا، ئەمما، سۇمەييە قاتارلىق ساھابىلەرنىڭ قىسسىسى ھەممىمىزگە مەلۇم. پەيغەمبىرىمىز 23 يىللىق  پەيغەمبەرلىك ھاياتىنىڭ 13 يىلىنى زۇلۇم، قىينىلىش ۋە بوزەك قىلىنىشلار ئاستىدا ئۆتكۈزگەن. ئاللاھ تائالا شۇ چاغدا پەيغەمبىرىمىزگە ۋە شۇ چاغدىكى مۇئمىنلەرگە بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم غەلىبە ۋە نۇسرەتنىڭ بارلىقىدىن بېشارەت بەرگەن ۋە يۇقىرىقى ئايەتلەردىكى ۋەدىلەرنى بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرۇشقا بۇيرۇغان. مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە قىيىنچىلىقلارغا، جەۋر- زۇلۇمغا بەرداشلىق بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا غەلىبە قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىنىمۇ قولدىن بەرمىدى. نەتىجىدە، ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى ۋە ئۆزلىرىنى ئەزگەن، بوزەك قىلغان، ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغان كاپىرلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدىلا بارلىق ئەرەب يېرىم ئارىلى ئىسلام بايرىقى ئاستىدا بىرلەشتى، كۇفرى ۋە زۇلۇم تۈگىدى، ئۇنىڭ ئورنىنى ئىمان ۋە ئادالەت ئالدى. شۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمانلار قۇدرەت تېپىپ، ئاسىيا- ئافرىقا ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت ئۈچ قەتئەدە ھاكىمىيەت يۈزگۈزدى.

غەلىبە ئاسان قولغا كەلمەيدۇ

مۇسۇلمانلار بۇ غەلىبىگە ئاسانلىق بىلەن ئېرىشمىگەن ئىدى، نۇسرەت ئۇلارغا بىر كۈندىلا كېلىپ قالمىغان ئىدى. مۇسۇلمانلار خەندەك ئۇرۇشىدىن ئىبارەت ئەڭ قىيىن شارائىتتىكى ئۇرۇشتىمۇ كەينىگە قايتمىدى، چىدامچانلىقىنى قولدىن بەرمىدى. ئۇ چاغدا ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەنلەر ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى قورشىۋالغان، ھاۋا قاتتىق سوغۇق، ئاچلىق ۋە سۇسىزلىق دېگەندەك بىر قاتارلىق قىيىنچىلقلار ئۇلارنى ئورىۋالغان ئىدى. شۇ چاغدىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇلارغا غەلىبىنى ۋەدە قىلىپ، ئۇلارنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىگەن ۋە مۇنۇ ئايەتنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى روھلاندۇرغان ئىدى: )أَمْ حَسِبْتُمْ أَنْ تَدْخُلُوا الْجَنَّةَ وَلَمَّا يَأْتِكُمْ مَثَلُ الَّذِينَ خَلَوْا مِنْ قَبْلِكُمْ مَسَّتْهُمُ الْبَأْسَاءُ وَالضَّرَّاءُ وَزُلْزِلُوا حَتَّى يَقُولَ الرَّسُولُ وَالَّذِينَ آَمَنُوا مَعَهُ مَتَى نَصْرُ اللَّهِ أَلَا إِنَّ نَصْرَ اللَّهِ قَرِيبٌ( يەنى «(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەر تېخى ئىلگىرىكى (مۇئمىنلەر) نىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر سىلەرنىڭمۇ بېشىڭلارغا كەلمەي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ ئۇلارنىڭ بېشىغا شۇنداق قاتتىق يوقسۇللۇق ۋە زور قىيىنچىلىقلار كەلگەنكى، ھەتتا پەيغەمبەر بىلەن مۇئمىنلەر: «ئاللاھنىڭ ياردىمى قاچانمۇ كېلەر؟» دەيدىغان دەرىجىدە تولغىنىپ كەتكەن ئىدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر»[6]. راستتىنلا  ئۇلارنىڭ بېشىغا ئادەم تاقەت قىلغۇسىز قىيىنچىلىقلار كەلگەن ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: )إِذْ جَاءُوكُمْ مِنْ فَوْقِكُمْ وَمِنْ أَسْفَلَ مِنْكُمْ وَإِذْ زَاغَتِ الْأَبْصَارُ وَبَلَغَتِ الْقُلُوبُ الْحَنَاجِرَ وَتَظُنُّونَ بِاللَّهِ الظُّنُونَا. هُنَالِكَ ابْتُلِيَ الْمُؤْمِنُونَ وَزُلْزِلُوا زِلْزَالًا شَدِيدًا( يەنى «ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار يۇقىرى تەرىپىڭلاردىنمۇ، تۆۋەن تەرىپىڭلاردىنمۇ (ھۇجۇم قىلىپ) كەلگەن چاغدا، كۆزۈڭلار چەكچىيىپ قالغان، يۈرىكىڭلار ئاغزىڭلارغا قاپلىشىپ قالغان، ئاللاھ توغرۇلۇق تۈرلۈك گۇمانلاردا بولغان ئىدىڭلار. ئەنە شۇ يەردە مۆمىنلەر سىناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ۋە قاتتىق بىر سىلكىنىش بىلەن سىلكىنگەن ئىدى»[7].

دېمەك، ئۇلار قىيىنچىلار ئالدىدا تىز چۆكمىدى، ئۈمىدسىزلەنمىدى، ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىگە ئىشەندى، سەۋەبنىمۇ قولدىن بەرمىدى، ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇردى. نەتىجىدە غەلىبىگە ئېرىشتى.

ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقىي مۇئمىنلەرگە خاس

شۇنىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ئاللاھ تائالا  يۇقىرىقى ئايەتلەردىكى ۋەدىلىرىدە « مۇئمىن» سۆزىنى قوللانغان. يەنى بۇ ۋەدىلەرنى ھەقىقىي مەنىدىكى مۇئمىنلەرگە ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىگە چىن قەلبىدىن ئىشەنچ قىلغان كىشىلەرگە بەرگەن. مەلۇمكى، «مۇئمىن» بىلەن «مۇسۇلمان»نىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق بار. ھەر ئىككىلىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خەلقلەرگە ئىشلىتىلسىمۇ،  ھەر قانداق مۇسۇلمان مۇئمىن بولالمايدۇ، ئەمما ھەر قانداق مۇئمىن مۇسۇلمان بولالايدۇ. چۈنكى بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئومۇم ۋە خاسلىق پەرقى بار.  بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: )قَالَتِ الْأَعْرَابُ آَمَنَّا قُلْ لَمْ تُؤْمِنُوا وَلَكِنْ قُولُوا أَسْلَمْنَا وَلَمَّا يَدْخُلِ الْإِيمَانُ فِي قُلُوبِكُمْ( يەنى «سەھرالىق ئەرەبلەر: ‹ئىمان ئېيتتۇق› دەيدۇ، ئېيتقىنكى، «سىلەر تېخى ئىمان ئېيتمىدىڭلار، لېكىن ‹مۇسۇلمان بولدۇق› دەڭلار، ئىمان تېخى قەلبىڭلەرگە يەرلەشمىدى»[8]. 

 شۇڭا بىز كەمچىلىكنى دىنىمىزدىن ئىزدىمەي، بەلكى ئۆزىمىزدىن ئىزدىشىمىز كېرەك. ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسى تا قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە. قاچانىكى بىز ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىگە سالاھىيەتلىك بولىمىزگەن، نۇسرەت ۋە غەلىبە بىزنى تاپىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ ئىمانىنى ئۆلچەپ كۆرەيلى، ئۇنى ساھابىلەرنىڭ ئىمانىغا سېلىشتۇرۇپ باقايلى، دىنىمىزنىڭ تارازىسىغا سېلىپ باقايلى. شۇ ۋاقىتتا بىز ئۆزىمىزنىڭ ئاللاھ تائالا بىزدىن تەلەب قىلغان دەرىجىدە مۇئمىن بولالمىغانلىقىمىزنى ۋە ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشقا موھتاج ئىكەنلىكىمىزنى بىلىپ قالىمىز.

بىز ئىمانىمىزنى كۈچەيتىشكە موھتاج

بۇ ئەھۋالدا بىز ئىمانىمىزنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلەشكە موھتاجمىز. ئاللاھ تائالا بىزنى: )وَاسْتَعِينُوا بِالصَّبْرِ وَالصَّلَاةِ( يەنى «سەۋر قىلىش ۋە ناماز  بىلەن ئاللاھتىن ياردەم تىلەڭلار»[9] دەپ بۇيرۇغان.  مەلۇمكى، كۆپ سانلىق كىشىلەر سەۋرنىڭ مەنىسىنى ئاددىي ۋە دۇگما مەنىسىدە چۈشىنىۋالىدۇ. شۇڭا «سەۋر قىلىڭ»دېسە، زۇلۇمغا ۋە ھەقسىزلىققا باش ئېگىپ ياشاڭ دېگەنلىك دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ئەمما «سەۋر» سۆزى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەنىلەرنى بىلمەيدۇ. «سەۋر» دېگەن سۆز «قۇرئان كەرىم»دە ئەڭ كۆپ تەكرارلانغان سۆزلەرنىڭ بىرى. بۇ ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زورلىقىدىن بولسا كېرەك. سەۋرنى مۇنداق تۆت تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ: بىرىنچىسى، ئۆزىنى تۇتىۋېلىش مەنىسىدىكى سەۋر، ئىككىنچىسى، ساقلاش ۋە كۈتۈش مەنىسىدىكى سەۋر، ئۈچىنچىسى، قايتۇرۇپ كېلىش مۇمكىن بولمايدىغان قولدىن بېرىشلەرنى ئۇنتۇپ كېتىش مەنىسىدىكى سەۋر، تۆتىنچىسى، چىدام كۆرسىتىش مەنىسىدىكى سەۋردۇر. «قۇرئان كەرىم»دىكى:) وَلَنَجْزِيَنَّ الَّذِينَ صَبَرُوا أَجْرَهُمْ بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ( يەنى «سەۋر قىلغۇچىلارغا، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق مۇكاپات بېرىمىز»[10] دېگەن ئايەت سەۋر قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە قارىتىلغان ئومۇمىي ئايەتتۇر. «سەۋر بىلەن ناماز  بىلەن ئاللاھتىن ياردەم تىلەڭلار» دېگەن ئايەتتىكى سەۋر چىدام كۆرسىتىش مەنىسىدىكى سەۋردۇر.

شۇڭا بىز چىدامچانلىق ۋە ئۈمىدۋارلىق بىلەن قوراللىنىش ئارقىلىق پارلاق كېلەچەك ئۈچۈن ھارماستىن تىرىشىشقا موھتاجمىز. ئىسلامنىڭ كېلەچېكى ھەقىقەتەن پارلاقتۇر. زۇلۇم داۋام قىلمايدۇ، كېچىنىڭ ئارقىسىدا كۈندۈز بولغاندەك، بۇ قىيىنچىلىقلار ئارقىسىدا چوقۇم ئوڭايلىق بار. ئاللاھ تائالا: )فَإِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا( يەنى«ئەلۋەتتە ھەربىر مۇشەققەتنىڭ يېنىدا بىر ئوڭايلىق بار»[11]دېگەن.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىلگىنكى، غەلىبە چىدامچانلىق بىلەن قولغا كېلىدۇ»[12] دېگەن.  ئاللاھ تائالا ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەسەللى بېرىپ مۇندا دېگەن: )وَلَقَدْ كُذِّبَتْ رُسُلٌ مِنْ قَبْلِكَ فَصَبَرُوا عَلَى مَا كُذِّبُوا وَأُوذُوا حَتَّى أَتَاهُمْ نَصْرُنَا( يەنى« سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ ئىنكار قىلىنغان ئىدى. ئۇلار ئىنكار قىلىنغانلىقىغا ۋە ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلدى، ئاخىرى ئۇلار بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشتى»[13].  ئەمما شۇ پەيغەمبەرلەر ئۈچۇن ۋە ئىلگىرىكى سائادەتلىك ئەسىرلەردە ياشىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشى ئوڭايغا توختىغان ئەمەس. بۇ ياردەم ئۇلارغا دۇئا بىلەنلا كەلگەن ئەمەس، بەلكى چىدامچانلىق بىلەن، ئۇمىدۋارلىق بىلەن تۇرماستىن تىرىشىش نەتىجىسىدە كەلگەن. ئۇلار ئۆزلىرى ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلار ۋە جاپا-مۇشەققەتلەر چېكىگە يەتكەنلىكتىن: «ئاللاھنىڭ ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟» دېيىش دەرىجىسىگە يەتكەندە، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا: «بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى يېقىندۇر» دەپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرغان ۋە ئارقىدىن ۋەدە قىلىنغان ياردەمنى ئاتا قىلغان.  

[1] يۈسۈف سۈرىسى87-ئايەت.
[2] نەھل سۈرىسى97-ئايەت.
[3] غافىر سۈرىسى51-ئايەت.
[4] رۇم سۈرىسى47-ئايەت.
[5] رۇم سۈرىسى6-ئايەت.
[6] بەقەرە سۈرىسى214-ئايەت.
[7] ئەھزاب سۈرىسى10-11-ئايەتلەر.
[8] ھۇجۇرات سۈرىسى14-ئايەت.
[9] بەقەرە سۈرىسى45-ئايەت.
[10] نەھل سۈرىسى16 – ئايەت.
[11] شەرھ سۈرىسى5-ئايەت.
[12] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
[13] ئەنئام سۈرىسى34-ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار